شىنجاڭ تورى خەۋىرى: شىنجاڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «مۇز دەۋرى تاشقاتمىلىرى كۆرگەزمىسى» 30-مايدىن 15-ئۆكتەبىرگىچە سانجى دىنوزاۋر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆرگەزمىدىكى مۇز دەۋرىدە ياشىغان مامونت، خەنجەر چىشلىق يولۋاس، پرژىۋالسكى ياۋا ئېتى قاتارلىق 43 خىل ھايۋاناتنىڭ تاشقاتمىسى سىزنى قايتىدىن «مۇز دەۋرى»گە باشلاپ، يەر شارىنىڭ جانلىقلار ئۆزگىرىشى ھەققىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەيدۇ.