باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لۇشەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بەردى

2015.05.27 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەكلى كېچياڭ قۇتقۇزۇش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پىڭدىڭشەن شەھىرى لۇشەن ناھىيەسى «كاڭلېيۈەن» ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە 25-ماي سائەت 19:55لەردە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 38 كىشى قازا قىلدى، ئالتە كىشى يارىلاندى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، خېنەن ئۆلكىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، شۇنداقلا ئاپەتنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ، مەسىلىنى بىخ ھالىتىدىلا تۈگىتىشى، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى ۋە توسۇشى، خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كېيىنكى ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بۇ ئىشتىن ساۋاق ئېلىپ، ھەر جەھەتتىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر