باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇ ئۆلكىسى ئالتە يىلدا يېزىلاردىكى 1 مىليون 220 مىڭ خەتەرلىك ئۆينى ئۆزگەرتتى

2015.05.27 21:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گەنسۇ ئۆلكىلىك يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش – يۆلەش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، گەنسۇ ئۆلكىسى 2009 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە يېزىلاردىكى 1 مىليون 223 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان؛ بۇ يىل 140 مىڭ ئۆينى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسى ئالدىنئالا ھەل قىلىنىدىكەن.

  يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ‹‹1236›› نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ‹‹ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش›› ۋەزىپىسىنىڭ بىرى. بۇ يىلدىن باشلاپ گەنسۇ ئۆلكىسى يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشتە قىيىنچىلىقى ئېغىر 58 ناھىيەنى ئاساس قىلىپ، 17 پاسىل ناھىيەنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەڭ نامرات يېزا، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر كىشىلەر، ئۆيى ئەڭ خەتەرلىك ئائىلىلەر، ئەڭ تەخىرسىز ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى نىشانلىق ھەل قىلىپ، ئەينى يىلىدىكى 1مىليون نامرات ئائىلىنى ئازايتىش ۋە يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانى بىلەن ئالدىن تۇتاشتۇرىدىكەن.

  بۇنىڭدىن كېيىن، گەنسۇ ئۆلكىسى يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرىكى ‹‹تارقاق ئۆزگەرتىش››تىن ‹‹تۈجۈپىلەپ ئۆزگەرتىش››كە ئۆزگەرتىپ، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ نامرات ئائىلىلەرگە ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئوخشىمىغان رايونلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرگە قارىتا، كەنتلەرگە ۋە ئائىلىلەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، كەنت دەرىجىلىك خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت ۋە ئائىلە بويىچە ئۆزگەرتىش پىلانى تۈزۈپ، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش مەبلىغىنىڭ تولۇق يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر