ماناس ناھىيە باۋجياديەن بازىرى خېيلياڭۋەن كەنتىدە بۇنىڭدىن 2000 يىللار ئىلگىرىكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىگە مەنسۇپ قەدىمىي قەبرىستانلىق بايقالغان، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ بايقىلىشى ماناس، ھەتتا شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىن چىن، خەن سۇلالىرى دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلدىكى ئارخېئولوگىيە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ يىل باھاردا، ماناس ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش جەريانىدا، خېيلياڭۋەن رايونىدىكى بىر قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ ئوغرىلىقچە قېزىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ھەمدە دەرھال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىگە دوكلات قىلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىغا خېيلياڭۋەن قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قېزىشنى ھاۋالە قىلغان.
2015-يىلى 21-مايدىن 25-مايغىچە، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقنى قازغان، بۇنىڭ ئىچىدە 3-نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتىن ئىككى ئادەم بىرگە دەپنە قىلىنغان بىر قەبرىنى بايقىغان ھەمدە ئىككى دانە ساپال ئىستاكان ۋە بىر دانە چاسا شەكىللىك ساپال تەخسە قېزىۋېلىنغان، ئىككى دانە ساپال ئىستاكاننىڭ ئېگىزلىكى 7.8 سانتىمېتىر، ئېغىزىنىڭ دىيامېتىرى 7.5 سانتىمېتىر كېلىدىكەن. بۇلارنىڭ ياسىلىشى سىپتا، سىزىقچىلىرى ئىنچىچە، ئىنتايىن قاتتىق ئىكەن. چاسا شەكىللىك ساپال تەخسىنىڭ دىيامېتىرى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر كېلىدىكەن، بۇ قېزىلما بۇيۇملار شىنجاڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى يېڭى ماددىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.