خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 25-ماي چۈشتە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇشەن شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا شەھەر كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، جۇشەن تاقىم ئارىلى يېڭى رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەت، قۇم مودېل، قىسقا فىلىملەرنى كۆردى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلىدى. يىراق ئوكياندىن تۇتىدىغان بېلىقىڭلار كۆپمۇ؟ بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلى قانچىلىك؟ جۇشەندىن نىڭبوغا بارغىچە دېڭىزدىن ھالقىيدىغان چوڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ بېلىقچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى قانداق؟ چەت ئەل مەبلىغى كۆپمۇ؟ بۇ شى جىنپىڭنىڭ 14-قېتىم جۇشەنگە كېلىشى ھېسابلىنىدۇ. شى جىنپىڭ 2002-يىلدىن 2007-يىلغىچە جېجياڭ ئۆلكىسىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە ئارالغا كېلىپ، بېلىقچىلىق كەنتلىرىگە بېرىپ، بېلىقچىلارنى زىيارەت قىلىپ، جۇشەننىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي پىلانلىغانىدى. شى جىنپىڭ ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا مۇنداق دېدى: جۇشەننىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ھازىرقى ھالىتىنى پەقەتلا تونۇيالمىدىم.
مەنبە: خەلق تورى