باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە دەرىسى سۆزلىسە ياخشى بولىدۇ

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

2015.05.27 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تېمىسىدىكى مەخسۇس تەربىيە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى بەس بەستە مۇنبەرگە چىقىپ پارتىيەلىك كادىرلارغا پارتىيە دەرىسى سۆزلەپ، جەمئىيەتتە يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە دەرىسى سۆزلەشنى بىرىنچى «ھالقىلىق ھەرىكەت» قىلىپ، مەخسۇس تەربىيەدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش -ئېرىشەلمەسلىكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە دەرىسى سۆزلىشىنىڭ ياخشى يېرى شۇكى، بۇنىڭدا پارتىيەنىڭ ئىدىيە-سىياسىي خىزمىتىدىكى ئىسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ. ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىنى ئەسلەيدىغان بولساق، پىشقەدەم ئىنقىلابچىلار ئەتراپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، جەڭچىلەرگە پارتىيە دەرىسىنى نەق جايىدا، جانلىق سۆزلەپ، يولداشلارنى كۆپ بىلىمگە ئىگە قىلىپ، ئۆمۈرلۈك نەپكە ئېرىشتۈرگەن. «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەسى ماس ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، رىقابەت مۈشكۈل، ۋەزىپە ئېغىر بولغانسېرى، ياخشى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە دەرىسى سۆزلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە دەرىسى سۆزلىشىنىڭ ياخشى يېرى، رەھبىرىي كادىر ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مۇنبەر چوڭ دەرىسخانا، شۇنداقلا چوڭ سىناق مەيدانى. بۇ قېتىم رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە دەرىسى سۆزلىگەندە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى، ئىدىيەسى ۋە خىزمىتى بىلەن مەيدانغا چۈشىدۇ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتە تونۇشى مۇجمەل بولۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان «تەلەپچان ۋە راستچىل بولماسلىق» مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە مەدەت بولىدۇ. ئۆزىدىكى مەسىلىنى ئۆزى تاپقاندىلا، تېخىمۇ توغرا، ئەمەلىي، چوڭقۇر بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش تېخىمۇ قاراتمىلىق بولىدۇ، بۇ باشقىلارنى دوكلات سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغاندىن ياخشى. رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە دەرىسى سۆزلىشىنىڭ ياخشى يېرى شۇكى، يۇقىرى تۆۋەنگە ئۈلگە بولىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولدى. بۇ قېتىم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە دەرىسى سۆزلىشىدە «يۇقىرى تۆۋەنگە ئۈلگە بولۇش، نەمۇنىچى بولۇپ يېتەكلەش» تەك ئىلغار ئىستىلى، بىر دەرىجىلىك يەنە بىر دەرىجىلىككە سۆزلەش، بىر دەرىجىلىك يەنە دەرىجىلىككە كۆرسىتىش، بىر دەرىجىلىك يەنە بىر دەرىجىلىكنى يېتەكلەش داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئىدىيە جەھەتتە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇلۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرۇلۇشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر