گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 25- كۈنى تەكلىپكە بىنائەن سانتىياگو ب د ت لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئىقتىساد كومىتېتىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 25- ماي چۈشتىن كېيىن، تەكلىپكە بىنائەن سانتىياگو ب د ت لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئىقتىساد كومىتىدا مۇھىم سۆز قىلدى. لى كېچياڭنىڭ رەپىقىسى چېڭ خۇڭ، چىلى زۇڭتۇڭى باچېلەت، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە باش كاتىپى بارسېنا قاتارلىقلار قاتناشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: لاتىن ئامېرىكىسى رايونى دۇنيا تىنچلىقىدىكى مۇھىم ئۇلتاش، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كۈچ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا كەڭ قورساقلىق ئۆتۈش، ئىناق بىللە ياشاشنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى بولۇپ، دۇنيا ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز باش كۆتۈرۈۋاتقان «يېڭى ئىگىزلىك»كە ئايلاندى.
مەنبە: خەلق تورى