باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە يېزا يەر ئوبورتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

تېرىلغۇ يەرگە تۆلەم بېرىش ۋە ئۇنى تەڭشەشنى قانۇن بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەش، يېزا يەر ئوبورتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليۇرۇق بەردى

2015.05.27 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26- ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا تېرىلغۇ يەرنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكتىلىدى: تېرىلغۇ يەر دۆلىتىمىزنىڭ بىباھا بايلىقى. دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇشتەك دۆلەت ئەھۋالى 1 مىلياردتىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان تېرىلغۇ يەرنى ئوبدان قوغداش، قەتئىي بىخەستەلىك قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى. ئەڭ قاتتىق تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەرگە تۆلەم بېرىش ۋە ئۇنى تەڭشەشنى قانۇن بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەپ، يېزا يەر ئوبورتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى مۈشۈك ئېيىقنى قوغدىغاندەك قوغدىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تېرىلغۇ يەرگە تۆلەم بېرىش ۋە ئۇنى تەڭشەش سىياسىيتى سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈش-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقىدىكى قۇتقۇزۇش تەدبىرى بولۇپ، دۆلەت قانۇن ۋە سىياسەت جەھەتتە رۇخسەت قىلغان، بىراق تېرىلغۇ يەرنى جەزمەن قوغداش ئېڭى بىلەن بۇ خىزمەتنى ئىشلەپ، قانۇن بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېرىلغۇ يەرگە تۆلەم بېرىش ۋە تەڭشەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرگە تۆلەم بېرىش ۋە ئۇنى تەڭشەشتە كۆرۈلگەن تۆلەم سوممىسى نەقلەشمەسلىك، تۆلەم سۈپىتىنىڭ كاپالەتسىز قېلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىپ، تېرىلغۇ يەرنى كۆپ ئىگىلەپ، ئاز تۆلەم بېرىش، ياخشىسىنى ئىگىلىۋېلىپ ناچىرىنى تەڭشەش، سۇلۇق يەرنى ئىگىلىۋېلىپ قۇرغاق يەرنىڭ تۆلىمىنى بېرىشتەك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، بەزىلەرنىڭ ئىسلاھاتنىڭ نامى بىلەن تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئىشلىتىۋىلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك. تېرىلغۇ يەرگە تۆلەم بېرىش ۋە ئۇنى تەڭشەش شۇنىڭدەك تېرىلغۇ يەرنى قوغداشتا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر