خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى ئورگان مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيە ئەسكەرلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇچۇش مەشق بازىسىدىكى تىرىنىر جياڭ تاۋ ۋە ئوقۇغۇچى لۇ مىڭفېي بىر قېتىملىق ئۇچۇش مەشقىدە، ئۆزلىرى ھەيدىگەن ئايروپىلاننىڭ دېۋگاتىلىغا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ، سۈرئەت تېزلىكتە تۆۋەنلىگەن خەتەرلىك پەيتتە ئايروپىلاننى ھەيدەپ كىشىلەر زىچ توپلاشقان رايوندىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئېگىزلىكنىڭ بەك تۆۋەن بولۇشى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشى تۈپەيلى، پاراشوتتىن سەكرەشكە ئۈلگۈرمەي قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى