خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركمەنىستاندا زوڭتوڭ قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەتوف ئوبرازىدىكى ئالتۇن يالىتىلغان ھەيكەلنىڭ 25-ماي يوپۇقى ئېچىلدى. پۈتۈن گەۋدىسىگە ئالتۇن يالىتىلغان بۇ ھەيكەل بەردىمۇھەممەتوفنىڭ ئات مىنگەن ئوبرازىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 21مېتىر كېلىدۇ، ئاساسى ئاق رەڭلىك مەرمەردىن ياسالغان. بەردىمۇھەممەتوف 2007-يىلى زوڭتوڭلۇققا سايلانغان، 2012-يىلى قايتا سايلانغان، بۇ تۈركمەنىستاننىڭ تۇنجى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زوڭتۇڭغا ئالتۇن يالىتىلغان ھەيكەل ياسىشى بولۇپ، بىر قىسىم ئەمەلدارلار بۇ ھەيكەلنى ئاۋامنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ياسالغان، دېدى. تۈركمەنىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇن زوڭتوڭ ھەيكەللىرى بار بولۇپ، پايتەخت ئاشخاباد شەھەر مەركىزىدە يەنە ۋاپات بولغان سابىق زوڭتوڭ سەپەرمۇرات نىيازوفنىڭ ئالتۇن يالىتىلغان بىر ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى