باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۇەنگە مەمۇر قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ لايەقەتلىك نومۇر چېكى بېكىتىلدى

2015.05.27 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ماي، 2015-يىللىق بىڭتۇەنگە مەمۇر قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى.بىڭتۇەن ئىمتىھان ئۇچۇر تورى(www.btpta.gov.cn)يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىىنى تەشكۈرۈش يولى ئېچىلدى، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە كېيىنكى باسقۇچقا كىرگەن كىرمىگەنلىكىنى تورغا چىقىپ تەكشۈرەلەيدۇ.

  ئىككى پەندىن ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى، خەنزۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنى ۋە مىللەت چەكلەنمەيدىغان خىزمەت ئورنىنىڭ نۇمۇر چىكى 100 نۇمۇر، ئۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچۈنچى، ئون تۆتۈنچى شىغا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ نۇمۇر چىكى 95 نۇمۇر، ئازسانلىق مىللەتلەرنى قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنىنىڭ نۇمۇر چىكى 90 نۇمۇ. ئۈچ پەندىن ئىمتىھان بىرىدىغانلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى، خەنزۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنى ۋە مىللەت چەكلەنمەيدىغان خىزمەت ئورنىنىڭ نۇمۇر چىكى 130 نۇمۇر. ئۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچۈنچى، ئون تۆتۈنچى شىغا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ نۇمۇر چىكى 125 نۇمۇر، ئازسانلىق مىللەتلەرنى قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنىنىڭ نۇمۇر چىكى 120نۇمۇر.

  سالاھىيىەتنى قايتا تەكشۈرۈشكە كىرمىگەن ۋە ئۆتمىگەن ئوقۇغۇچىغا يەنە ئىككىنچى قېتىملىق پۇرسەت بار. 1- ئىيۇندىن 3-ئىيۇنغىچە خىزمەت ئورنى تولۇقلاپ تىزىمغا ئالدۇرىلىدۇ، مۇناسىپ خىزمەت ئورنى بىڭتۇەن ئىمتىھان ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلىندى، جەمئىي 93 ئورۇن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر