دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى 25-ماي تۇنجى تۈركۈمدىكى « مەملىكەتلىك ساياھەت باھاسىدا ئىشەنچىلىك مەنزىرە رايون » نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 1081 ساياھەتچىلىك مەنزىرە رايونى بۇ تىزىملىككە كىرگەن، شىنجاڭدىكى 108 مەنزىرە رايونى بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 مەنزىرە رايون تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ ئۈچ يىللىق « مەملىكەتلىك ساياھەت باھاسىدا ئىشەنچىلىك مەنزىرە رايون » قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئاساسلىقى مەنزىرە رايونلاردا بىر بېلەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، باھادا ئالدامچىلىق قىلماسلىق، ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا ئېتىبار بېرىش، ئالدىن تىزىملاتقانلارغا ئېتىبار بېرىش، باھانى ئېلان قىلىش ، ئۈچ يىل باھانى ئۆستۈرمەسلىك قاتارلىق ئامما دىققەت قىلىدىغان يادرولۇق مەسىلىلەرگە قارىتىلغان، شىنجاڭدىكى 108 مەنزىرە رايونىنىڭ تىزىملىككە كىرگەنلىكى بۇ مەنزىرە رايونلاردا ئۈچ يىلغىچە باھانىڭ ئۆسمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى قىسمەن مەنزىرە رايونلارنىڭ ئىشىك بېلىتىنى ئۆستۈرۈش سۈرئىتىنىڭ ھەدددىن زىيادە تېز ۋە باغچىنىڭ ئىچىدە باغچا بولۇش، بېلەت ئىچىدە بېلەت بولۇش قاتارلىق نامۇۋاپىق، ئۆلچەمسىز قىلمىشلار، ئاز ساندىكى مەنزىرە رايونلاردا ياشانغانلار، ياشلار، ئوقۇغۇچىلار، ھەربىيلەر، مېيىپلار ئىشىك بېلىتى باھاسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكى، ئاز ساندىكى مەنزىرە رايونى ئىشىك بېلىتىنى قىياسەن ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىكەن.
دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى 5A ۋە 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن « دۆلەت ساياھەت باھاسىدا ئىشەنچىلىك مەنزىرە رايون » قاتارىغا كىرىشكە پائال ئىلھاملاندۇرغان، لېكىن گۇگۇڭ، يىخېيۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەملىكەتتىكى 100 دىن ئارتۇق 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بۇ تىزىملىككە كىرمىگەن ياكى كىرىشتىن ۋاز كەچكەن.
مۇخبىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭدىكى سەككىز 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ ئالتىسى يەنى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى، بۇغدا كۆلى ، قاناس، تۇرپان بۇيلۇق، نارات ۋە كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيەلىك باغچىسى قاتارلىقلار تىزىملىككە كىرگەن.
بۇ پائالىيەتتە، مەنزىرە رايونلار تىزىملىكى ھەر يىلى « 1- ماي » ، « 1- ئىيۇل » ، « 1- ئۆكتەبىر » دىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدىكەن. دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شەرتكە توشمىغان مەنزىرە رايونلارنى قەرەللىك ھالدا تىزىملىكتىن ئۆچۈرىدىكەن.