باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈش توغرىسىدا كۈچلۈك سېگنال بەردى

2015.05.27 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى- مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىق ئورگىنى 26-ماي ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىگە دائىر يىپ ئۇچىنى مەلۇم قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچقان. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 18-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، بېسىمنى قاتلاممۇ-قاتلام ھېس قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ لىڭجۈن ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ لايىھەسىنى ئوقىدى ۋە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېن يوڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر