باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەنمۇ توي قىلاي دەيمەن(5)

2015.05.28 10:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


شۇ كۈنى بىز كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويغان جايدا ئۇنى ساق تۆت سائەت ساقلاپتىمەن. لېكىن ئۇ كەلمىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇردۇم. چۈنكى ئاخشام كەچتىمۇ ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرۇپ ئالالمىغانىدىم. ئۇ سائەت ئوندا مەن بىلەن كۆرۈشۈدىغان ھەم نېمە بولغانلىقىنى شۇ چاغدا ئېيتىپ بېرىدىغان بولدى.
ئۇ تويغا بارغىنىنى ماڭا خەۋەر قىلمىغاننى ئاز دەپ ئەمدى كوچىدا بىر كۈن ساقلاتقانىدى. بۇلارنى ئويلىساملا غەزەبتىن پۈتۈن بەدەنلىرىم تىترەپ كېتەتتى. توساتتىن كاللامدا مېنى ئالداۋاتامدۇ-يا؟ دېگەن سوئال پەيدا بولۇپ قالدى. سائەت ئوندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇنىڭ بىلەن مەھەللىسىدىلا كۆرۈشكەچكە دەسلەپ ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتۇۋالدىم. بىز ئاستا مېڭىپ ھېلىقى دەرەخزارلىققا كىرگەندىن كېيىنلا ئاچچىقىم تېشىمغا ئۆرلەپ چىقىپ ئۇنى بىر تەستەك سالدىم.
-مېنى نېمە كۆرۈۋاتىسەن!؟ سېنىڭ بۇلغانغان ئۆتمۈشۈڭنى كەچۈرۈپ خوتۇن قىلاي دېگەنگە مۇشۇنداق يۇمشاق باش كۆردۈڭمۇ!
ئۇ مەن ئۇرغان تەستەكنىڭ زەربىسىدىن يېنىچە يىقىلىپ يەردە ئولتۇرۇپ قالغانىدى، تۇيۇقسىز تەگكەن كاچات ۋە ئاھانەتتىن ئۇ پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلىۋەتتى.
-مېنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدىڭىز!
ئۇ ئارانلا شۇلارنى دېيەلىدى.
-ماڭا ئۇقتۇرماي تويغا بېرىپ ئويناپ كەلسەڭ، يەنە تېخى بىر كۈن تالادا ساقلىتىپ قاراڭنىمۇ كۆرسەتمىسەڭ، ئۆيۈڭگە تېلېفون قىلسام ئۆيۈڭدە بولمىساڭ، ئېيتە، مەن سېنى يەنە قانداق خاتا چۈشەنگۈدەكمەن!
مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرمىدىم. شۇ ئاچچىقىمدا ئۇنىڭ بېشىدا دىۋەيلەپ تۇرۇپ قاتتىق ۋارقىرىدىم.
-تۈنۈگۈن ھەدەمنىڭ بالىسىغا بالا باققۇچى ئىزدەپ سەھراغا چىققانىدۇق. ئۇ يەردىن بەك كەچ كەلگەچكە ھەدەمنىڭ ئۆيىدىلا قونۇپ قالدىم. ئىشەنمىسىڭىز بېرىپ ھەدەمدىن سوراپ بېقىڭ.
-بالا باققۇچى ئىزدەپ؟-بىردىنلا ئاۋازىم سەل بوشاپ قالدى. ئۇنىڭدىن بىكاردىنلا گۇمانلانغىنىمنى ھېس قىلدىم،-ئۇنداقتا نېمىشقا ماڭا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتىپ قويمايسەن.
ئۇ ياش بىلەن قىزارغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى يۆلەنچۈكسىز بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ بىردىنلا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئۇ تېخىچە يىغىدىن توختىمىغانىدى. مەن ئاستا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم.
-ئەتىگەن چاي ئىچىپ ئولتۇرسام ھەدەم يولدىشى بىلەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپلا ئۆيگە كەپتۇ. سىزگە تېلېفون قىلغىچە ئالدىرىتىپ ماشىنىسىغا سېلىپلا ئېلىپ كەتتى. بالا باققۇچى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنى مەنلا تونۇيتتۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىگەن ماڭغاندىن كېيىن ئۈلگۈرۈپ كېلىمەنغۇ، دەپ بۇنىڭغا ئانچە ئېرەڭشىپ كەتمەپتىمەن. لېكىن بىز بارساق ئۇ قىز بازارغا چىقىپ كېتىپتىكەن، ئۇ قىزنى ساقلاپ بەكلا ھايال بولۇپ كەتتۇق.
ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەندىم. ئاچچىقىممۇ يېنىپ ئۇنىڭ ئورنىنى ئىلگىرىكىدەك ئۇنىڭ بىلەن دائىم بىللە بولغاندا پەيدا بولىدىغان ئىللىق ھارارەت ئىگىلىدى. تويغىمۇ دوستلىرىنىڭ زورى بىلەن قويۇدىغاننى قويۇۋېتىپ بالدۇرلا قايتىمىز دەپ بارغانىكەن، بۇلارنىمۇ كەچۈرۈۋەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇنداق قىلماسلىققا ۋەدە بەردى.
-مەن سىزنى ماڭا زادىلا قول تەككۈزمەيدۇ، توي قىلساممۇ بىر- بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، ئىجىل-ئىناق ئۆتىمىز، كۆزۈمدىن ھەرگىز ياش تۆكمەيمەن، دەپ ئويلىسام تېخى توي قىلماي تۇرۇپلا ماڭا قول تەككۈزدىڭىز. دىلىم بەك ئازابلاندى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سىزنى يەنە ماڭا قول تەككۈزمەيدۇ، دەپ قانداق ئېيتالايمەن. مېنى ئۇرۇشنى باشلىۋالدىڭىز. خۇددى ياخشى كۆرمىگەن خوتۇننى ئۇرۇشنى باشلىغاندەك...
ئۇ يەنە مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى. مەن ئۇنى بەزلىدىم، ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن شۇنداق بولغانلىقىنى، ئاچچىقىمدا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالغانىلىقىمنى، بۇنى يالغۇز مەندىنلا كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.
-سىز بىلەن توي قىلىش-قىلماسلىقنى قايتىدىن ئويلىشىپ كۆرسەم بولغۇدەك،- دېدى ئۇ بىردىنلا.
يۈرىكىمگە بىرسى زىخ سانجىۋەتكەندەك قاتتىق ئەندىكىپ كەتتىم.
-نېمە دەۋاتىسەن، باشقىنى تېپىۋالدىڭمۇ يا؟
-مەن شۇنداق قىزمۇ؟-دېدى ئۇ يەنە،- شۇنداق ئويلىغاچقا ئۇردىڭىزدە مېنى. ماڭا زادى ئىشەنمەيسىز، بۇنداق ئىشەنمىگەندىن كېيىن يەنە ئۆي تۇتۇپ نېمە قىلىمىز؟
-ئىشەنمىگەنلىك ئەمەس،-دېدىم مەن دەرھال ئۇنى ئۆزۈمگە تېخىمۇ يېقىن تارتىپ،- تېخى تولۇق ئەمرىمگە ئۆتمىگەندىن كېيىن ئەنسىرەيدىغان گەپ ئاشۇنداق.
-قېلىن!
ئۇنىڭ كۆز يېشى بىلەن نەمدەلگەن يۈزى ۋىللىدە قىزاردى-دە، بېشى مۈرەمگە چۈشۈپ كەتتى. چۈشتە ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ چىقتۇق. ئۇ كۈنى مەن ئۇنى يېرىم كېچىدە ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم. شۇ كۈنى ئۇنىڭغا بولغان گۇمانىم تارقاپ يەنە باشقىدىنلا ئىلگىرىكى ھالىتىمىزگە كېلىپ قالغانىدۇق. ئامما ئۇ يەنىلا ھەر شەنبە كۈنى كۆرۈشۈشتە چىڭ تۇرۇۋالدى.
ئادەم دېگەن شۇنداقكەن ئاداش، ئۇنىڭ شۇ كۈنكى يىغىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ، شېرىن سۆزلىرىگە ئىشىنىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ. شۇنداق قىلىپ يەنە بىر شەنبە كۈنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئەلچى ئەۋەتىدىغان كۈننى كېلىشىۋالدىم.
سەيشەنبە كۈنى ئىدى. ئىشتىن چۈشۈپ كەيپىم چاغ ساۋاقداشلارنىڭ يىغىلىشىغا بارماقچى بولدۇم. بەرنا بىلەن تېخى ھېلىلا تېلېفوندا پاراڭلاشقانىدىم. ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە ئالدىرايدىكەن. بۈگۈن ئاپىسى ئۇنىڭغا ھارغىچە كىر يىغىپ قويۇپتىمىش. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم. ئۇ ئىشچان بولسا ماڭا ياخشى ئەمەسمۇ. ئوبدانراق ئىش قىلىپ ئۆگەن، دېدىم مەن تېلېفوندا ئۇنىڭغا. بۈگۈنكى پۈتۈنلەيلا ئوغۇللار يىغىلىدىغان ساۋاقداشلار يىغىلىشىمىز دەريا بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. تېلېفوننى قويۇپ ئىشخانىدىكى ئىشلىرىمنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ ئارىدىن بىرەر سائەتلەر ئۆتكەندىن كېيىن دەريا بويىغا قاراپ ماڭدىم. روھىم بەك كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. «راھەت» ئاشخانىسىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغىنىمدا توساتتىن ئاشخانىدىن پۇرقەت «تاز» چىقىپ قالدى. سەن ئۇنى تونۇيسەن، ھېلىقى بېشىنىڭ چوققىسىدا چېچى يوق تازچۇ. خوشە بۇنى ئىچىۋېتىپ ئاخىرىنى دەپ بېرەي. گەپنىڭ قىزىقى ئەمدى چىقىدۇ تېخى. ھە، پۇرقەت «تاز» ئاشخانىدىن چىقىپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن تازا خوشۇم يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي ئارىلىشىپ يۈرەتتىم. ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈپلا سۆزلەپ كەتتى.
-ۋاھ ئاداش، ئەجەپ ۋاقتىدا ئۇچرشتىڭ جۇمۇ. مەن تېخى ساڭا چاقىرغۇ قىلاي دەپ تۇراتتىم.
-گېلىڭ قىچىشىپ قاپتۇ-دە،-دېدىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ.
-نېمىلەرنى دەيدىغانسەن. ھېلىقى سەن يېقىندا ئالىمەن دەپ يۈرگەن بەرناچۇ قارا، ھازىر مۇشۇ ئاشخانىدا ئىككى بالا بىلەن خاس خانىدا ئولتۇرىدۇ. يېنىدا يەنە بىر دوستى بار ئىكەن.
بۇلارنى ئاڭلاپ ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۆرلەپ، بەدىنىمگە غۇژژىدە تىترەك ئولاشتى.
-يالغان سۆزلىمە!
-ساڭا يالغان سۆزلىسەم ھارام ئاداش، ئىشەنمىسەڭ ئىچىگە كىرىپ قاراپ باق. بولمىسا ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ سوراپ باقساڭمۇ بولىدۇ، ئۆيىدە بارمىكىن.
شۇ زامان ئالدىراپ تېلېفون بوتكىسىغا قاراپ ماڭدىم، تېلېفوننى ئۇنىڭ ئاپىسى ئالدى. ھەقىقەتەن بەرنا ئۆيدە يوق ئىدى.
-قانداق، راستمىكەن؟-دېدى پۇرقەت «تاز» مەن تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن كۆرەڭلەپ. ئۇنى قاتتىق ئىتتەردىم. بىز يولنىڭ بۇ قېتىدا ئىدۇق. غەزەپ بىلەن يولنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئەمدىلا ئاشخانا ئالدىغا كېلىپ تۇرۇشۇمغا راستىنلا بەرنا بايا پۇرقەت «تاز» دېگەندەك ئۈچى بىلەن بىللە ئاشخانىدىن كۈلۈشكىنىچە چىقىپ كەلدى. ئۇ مېنىڭ خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا تۇيۇقسىز ئالدىدا غەزەپ بىلەن پەيدا بولغىنىمنى كۆرۈپ چىرايى بىردىنلا ئۆڭدى-دە، دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ يېنىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ قولۇمغا ئېسىلىپ ئەركىلەشكە باشلىدى.
-ۋىيەي، سىزمۇ بۇ يەردىكەنسىزغۇ؟ ئىشتىن بالدۇرراق قايتىپ بازارغا سودىلىققا چىققانىدىم. بۇ ساۋاقداشلىرىم ئۇچراپ قېلىپ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەيلى، دەپ تۇرۇۋالدى. مانا ھازىر تېخى تاماقنى يەپ چىقىشىمىز.
قاتتىق ئاچچىقىم كېلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇ ساۋاقداشلىرىم دېگەن بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئالدىدا يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم.
-ھە ياخشى بوپتۇ،-دېدىم مەن ئارانلا چىرايىمنىمۇ ئۆزگەرتمەي. ئەمەلىيەتتە چىرايىمدىن قاتتىق خاپا بولغانلىقىم مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى،-بۈگۈن ئىشتىن قايتىپ ئۆيدە كىر يۇيۇمەن دەۋاتاتتىڭغۇ؟
-ئاپام ئىشتىن قايتىشىڭىزدا بازاردىن ئازراق سودىلىق قىلىپ كېلىڭ، دېگەنىدى. بولدى، كېلىڭە ئۇلارغا سىزنى تونۇشتۇرۇپ قوياي. تويغا بۇلارنىمۇ چاقىرىمىز ئەمەسمۇ،-ئۇ شۇنداق دەپلا مېنى تارتىپ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى،-بۇ ئارزۇگۈل، بۇ تۇرغان، سەمەت. ئۇلار مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم بولىدۇ. بۇياق مەن بايا سىلەرگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن يېقىندا توي قىلىدىغان سىرلىق يىگىتىم.
مەن بالىلار بىلەن خالا-خالىماس قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ قويدۇم.
تۇرغان دېگىنى ئېگىز، ئورۇق كەلگەن، پۇزۇر كىيىنگەن بىر نېمە بولۇپ، قارىماققا تىجارەتچىدەك قىلاتتى. يېشىمۇ بىزدىن چوڭدەكلا كۆرۈندى. بۇنداق بىزدىن چوڭ نېمە قانداقچىلاپ ئۇنىڭ ساۋاقدىشى بولۇپ قالدىكىنە؟ مەن بۇلارنى ئويلاپ بولغىچە تۇرغان دېگىنى يانچۇقىدىن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى چىقىرىپ ئاشخانا ئالدىدىكى قاراكۆك «سانتانا» ماركىلىق پىكاپنىڭ ئالدىغا ماڭدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىرخىل كۆرەڭلىك چىقىپ تۇراتتى. بىز ناھايىتى سۇسلا خوشلاشتۇق. ئۇ ئۈچەيلەن بەرناغا: «تويۇڭدا چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالما!» دېدى-دە، تۇرغاننىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ كېتىپ قېلىشتى. بەرنا مەن بىلەن قالدى.
-ساۋاقدىشىم دەيسەن، تۇرغان دېگىنىڭ مەندىنمۇ چوپڭ نېمىغۇ ئۇ؟- دېدىم مەن ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ گەپلىرىگە تازا ئىشەنمەي.
-ئوھوي، يوقىلاڭ خىياللارنى قىلىدىكەنسىز. ئۇ مەكتەپكە يېشى ئۆتۈپ كىرىپتىكەن. كېيىن سىنىپ قېلىپ بىزنىڭ سىنىپتا ئوقۇغانىدى. ھازىر چوڭ تىجارەتچى بولۇپ كېتىپتۇ. مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئۇلارنى بۈگۈن كۆرۈشۈم. تېخى سىزنى چاقىرىپ بىر يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلەيلى دېگەنىدى، مەن ئۇنىمىدىم. يۈرۈڭ بازاردىن ئالىدىغان نەرسىلەرنى تېخى ئېلىپ بولالمىغانىدىم، بىللە ئالايلى.
ئۇ مېنى قولتۇقلاپ سۆرىگىنىچە ئېلىپ ماڭدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ گېپىگە تازا ئىشىنىپ كېتەلمىدىم. لېكىن ئۇنىڭ يەنە مېنى كۈنچى دېيىشىدىن ئەنسىرەپ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم. بىز بازار ئارىلىدۇق. ئۇ نەدىكى تۇتامى يوق چىش پاستىسى، لۆڭگە، سوپۇن دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتتى. ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىچە ئارتۇقچە گەپمۇ قىلمىدىم. بەرنانىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەي دېسەم ئۇنىڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلىرى شۇنداق تەبىئىي بولۇپ، ماڭا راستتەك تۇيغۇ بېرىۋاتاتتى. ئىشىنەي دېسەم كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە داۋالغۇش بار ئىدى. ئىككىلىنىش، دىلىغۇللۇق ئىچىدە ئۇنى ئاران ئۆيىگە ئەكىلىپ قويدۇم. ئەمدى ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىغا رايىممۇ قالمىغانىدى. لېكىن بارمىسام بولمايتتى. بولمىسا ئۇلار ماڭا يەنە «ئۆزۈڭنى بىزدىن ئەپقاچتىڭ بويتاق» دەپ تاپا قىلاتتى.
ئۇ كۈنى ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىغا بېرىپ تازا ئىچىپتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەرنا بىلەن ئاشخانا ئالدىدىن ئايرىلغاندا پۇرقەت «تاز» كەينىمىزدىن بىرقىسمىلا قاراپ قالغانىدى. ئۇ باشتىن-ئاخىر يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە مېنى قانداق قىلاركىن دەپ كۆرۈپ تۇرغانىكەن. كېيىن بەرنا بىلەن قولتۇقلىشىپ ماڭغىنىمدا «ھالىڭ شۇ كەنغۇ خوتۇنغا دۈم چۈشكەن بويتاق» دېگەندەك ھىجاراپ قويغانىدى. ئۇ كۈنى پۇرقەت «تاز»نىڭ ئۇ يەردىكى ماڭا قاراپ تۇرغان ھالىتىمۇ ماڭا خېلى تەسىر قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاراقنىمۇ تازا ئىچىپتىمەن.
ئۇنىڭسىزمۇ ئۆزۈم ھاراقنى كۆپ ئىچىپ قويىمەن ئاداش. مانا بۈگۈنمۇ سەن بۇ يەرگە تاماكا ئالغىلى كىرىشتىن ئاۋۋاللا بىر بۇرادىرىمىز بىلەن بىر شىشىنى قۇرۇقداپ بولغانىدىم. ئۇنى ئۇزۇتۇپ ئىچىمدىكى دەردىمنى تۆكۈدىغان ئادەم يوق تازا غېرىپسىنىپ بۇ يەردىن چىقاي دەپ تۇرسام، خۇدايىم بەندەم دەردىڭنى تۆكۈۋال دېگەندەك ئالدىمغا توككىدە سېنى ئۈندۈردى. ياخشى بولدى ئاداش، ئىچىشتۇق، يەنە ئىچىشىمىز، قۇيە!
-گېپىڭنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋەتتىڭغۇ؟- دېدىم مەن ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا ئالدىراپ. بولۇپمۇ بەرنا توغرۇلۇق بۇ ھېكايە مېنى ئۆزىگە خېلىلا قىزىقتۇرۇپ قالغاچقا، ئالدىراپ بىر رومكا قۇيدۇم-دە، گۈپپىدە ئىچىپ كەينىدىنلا ئۇنىڭغا بىر رومكا قۇيۇپ بەردىم. ئۇمۇ رومكىنى توختاتماي كۆتۈرۈۋەتتى. ھازىر قادىركامنىڭ 35 ياشلىق بۇ ئوغلىنى ھاراق مەست قىلدى دېگەندىن كۆرە، قەلبىدىكى دەردلىرى مەست قىلدى دېگەن تۈزۈك ئىدى.
-شۇنداق قىلىپ تازا ئىچىپتىمەن،-دېدى ئۇ گېپىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ،- ئەتىسى بېشىم قاپاق بولۇپ كېتىپتۇ. ئۆيگە دەريا بويىدىن قانداق قايتىپ كەلگىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. ئىشقا بېرىشمۇ خۇش ياقمىدى. ئىدارىغا مىجەزىم يوق دەپ تېلېفون ئۇرۇپ قويۇپ ئۆيدە بىر كۈن ياتتىم. ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى بەرنانىڭ ئۆيىگە ئەلچىلەر باراتتى. مەن ئۆيدە بىر كۈن ئارام ئېلىپ پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا ئۇنىڭغا تېلېفون بەردىم. ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈن كۆرۈشمەكچى ئىدىم.
-بۈگۈن بولمايدۇ،-دېدى ئۇ تېلېفوندا.
-نېمىشقا؟- سورىدىم مەن ھەيران بولۇپ.
-ئېسىڭىزدە يوقكەندە جېنىم، بۈگۈن 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئارمىيە بايرىمى. بىز ئىدارىدىكىلەر بىلەن ئىشتىن قايتىپ ھەربىيلەردىن ھال سورىغىلى بارىدىكەنمىز.
يوغان بىر باھانە بىلەن ئالدىم توسۇلۇپ قالدى.
-بوپتۇ،-دېدىم ئاخىرى ئامالسىز،-ئۇنداقتا ئەتە كۆرۈشەيلى، ئىشتىن چۈشكەندە.
-ماقۇلە، شۇنداق بولسۇن. خوش ئەمىسە، ئىدارىدىكىلەر مېڭىپتىكەن، چاقىرىۋاتىدۇ.
-خوش.
گېپىمنىڭ ئاخىرى چىققىچە تېلېفوندىن سوزۇپ «تىت، تىت»لىغان ئاۋاز كەلدى. ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتكەنىدى. مەنمۇ تېلېفوننى قويۇۋېتىپ لاسسىدە بوشىشىپ كەتتىم. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ئىشخانا بىناسىدىن چىقىشىمغا ئالدىمغا يەنە ھېلىقى پۇرقەت «تاز» ئۇچراپ قالدى.
-قانداقراق ئاداش، يوقاپ كەتتىڭلىغۇ؟-
دېدى ئۇ مېنى كۆرۈپلا دولامغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ،-توينىڭ ئالدىراشچىلىقىدا دەڭلا.
-ھە شۇنداق،-دېدىم مەن ئارانلا ئۆزۈمنى زورلاپ، لېكىن ئۇنىڭ بۈگۈن ئۇچراپ قالغىنىمۇ بىر ھېسابتا ماڭا ياخشى بولغانىدى. ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ چىقىۋاتقان ئاچچىق مېنى ئۆيگە ئەمەس، يەنە ھاراق سورۇنىغا سورىمەكتە ئىدى.
-بىرەر شىشە چاقمايلىمۇ،-دېدىم مەن دەرھال.
-كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭ جۇمۇ، يۈرە،-دېدى ئۇمۇ.
بىز بىزنىڭ ئىدارىنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى كىچىك ئاشخانىغا كىرىپ جايلاشتۇق.
-شۇنداق قىلىپ مۇشۇ يەكشەنبە ئەلچىلەر بارىدۇ دە،-دېدى پۇرقەت «تاز» بىز قورساقنى تويغۇزۇپ بىرىنچى بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇشىمىزغا. گەپ قىلماي بېشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم.
-تويۇڭغا ئاز قالغاندىمۇ نېمانچە چۈشكۈنلۈك بۇ سەندىكى،-دېدى پۇرقەت «تاز» يەنە مېنى نوقۇپ،-ئوغۇل بالىدەك تىك ئولتۇرە، ئىچىۋەتتىم-ھە!
ئۇ گۈپپىدە قىلىپ رومكىدىكى ھاراقنى كارنىيىغا ئاتتى. ئىككىنچى رومكىنى مەن ئىچتىم. ئارىمىزدىكى جىمجىتلىقتىن كېيىن ئۇ يەنە مەندىن سورىدى:
-ھېلىقى كۈنى بەرنا بىلەن ئاشخانىدا ئولتۇرغان ئۈچى كىمكەن؟ قارىسام ئاچچىق بىلەن كەتكەن ئادەم ئۇلارنى كۆرۈپلا سالاملىشىپ كەتتىڭا.
-ساۋاقداشلىرىكەن.
-نېمە!؟ ساۋاقداشلىرى؟ قانداق ساۋۋاقداشلىرى بولىدۇ ئۇ؟ بىلەمسەن، ھېلىقى تۇرغان دېگەن ئېگىز بوي چوڭ ئاكامنىڭ ساۋاقدىشى. ھازىر خوتۇنى، ئىككى بالىسى بار ئۇنىڭ، ئاڭلىسام سەككىزنىمۇ ئوقۇماي مەكتەپتىن چىقىۋاپتىكەن. ئەمدى قانداق قىلىپ بەرنانىڭ ساۋاقدىشى بولۇپ قالدىكىنە؟ بىر گەپ بار جۇمۇ.
-نېمە دەيسىنۇي تاز!-ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ دەرھال ئۆڭدۈم-دە، ئاچچىق بىلەن ھومايدىم.
ئۇ كۆزلىرىنى مىتمۇ قىلىپ قويماي شۇنداق دېدى. چىرايىدا بىر خىل مېنى مازاق قىلىۋاتقاندەك ئىپادە چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن سەسكىنىپ كەتتىم. راست، بەرنا مېنى ئالدىغانمىدۇ؟ ئالدىغان بولسىمۇ بىر نېمە دەپ كەتكىلى بولمايتتى. ئالدىمدا ئولتۇرغان پۇرقەت «تاز»غا ئەڭ مۇھىم مەخپىيەتلىكىمنى بىلىپ قالغان كىشىدەك شۇنداق ئۆچلۈكۈم كەلدىكى، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكۈم كېلىپ كەتتى. لېكىن ئۇنداق قىلالمايتتىم.
-جىمىپ كەتتىڭغۇ؟ بىلسەڭ ساڭا يامان گەپ قىلمايۋاتىمەن. ھەممىسى ئۆزۈڭگە پايدىلىق گەپلەر،- ئۇ يەنە مېنى نوقۇپ خىيالدىن ئويغاتتى،- «دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ» دېگەن گەپ بار. ساڭا راستىنى ئېيتسام، تۇرغان دېگەننىڭ ئىچكىرىدىن كەلگىنىگە بىرەر ئايچە بولۇپ قالدى. بەرنادا بۇ بىر ئايدىن بۇيان بىرەر يېڭىچە ئۆزگىرىش سەزمىدىڭمۇ؟ مەن بەرنانىڭ ئۇنىڭ سانتاناسىغا ئولتۇرۇپ كېتىپ بارغىنىنى نەچچە قېتىم غىل-پال كۆرۈپ قالغانىدىم.
-راستمۇ؟!-مەن ئەندىكىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
-راست بولمايچۇ،-دېدى پۇرقەتمۇ بوش كەلمەي،-ئۇلارنى بىر نەچچە قېتىم بىللە كۆرۈپ قالدىم. قارا، سېنى ئالداپتۇ، ساۋاقدىشىم دەپ دوپپاڭغا جىگدە ساپتۇ ئەمەسمۇ. زادى مۇشۇ زاماننىڭ قىزلىرىغا ئالدىراپ ئىشەنمىگۈلۈك.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر