ئېلىمىز شەرقىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونى تەسىس قىلدى
11-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونى تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنى پەرق ئېتىش مىزانى ۋە پەرق ئېتىش رايونىنىڭ خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى ئورتاق ئۇسۇل بويىچە، شەرقىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونى تەسىس قىلدى، بۇنىڭدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن تەۋەلىكى ۋە ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداش، ھاۋا ئۇچۇش تەرتىپىنى ساقلاش مەقسەت قىلىنغان. بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشىدىكى زۆرۈر تەدبىر، مۇئەييەن دۆلەت ياكى نىشانغا قارىتىلمىغان، ئالاقىدار ھاۋا رايونىدىكى ئۇچۇش ئەركىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونىنىڭ دائىرىسى دۆلەتنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئېھتىياجى ۋە ھاۋا ئۇچۇش تەرتىپىنى ساقلاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى