3-ئومۇمىي يىغىندا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قارارى ماقۇللاندى
11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىندا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى ‐‐ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلدى، 2020-يىلىغا بارغاندا ھالقىلىق ساھەلەر ۋە مۇھىم ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى