شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىغا ۋىۋىسكا ئېسىلدى
29-سېنتەبىر، شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىغا ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، 36 جۇڭگو-چەت ئەل كارخانىسى تۇنجى تۈركۈمدە ئورۇنلىشىش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى تېز ئۆزگەرتىش، باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يېڭىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىش، مۇلازىمەتچىلىكنى كەڭ ئېچىۋېتىش، پۇل مۇئامىلە ساھەسىنى ئېچىۋېتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، 2~3 يىللىق ئىسلاھات سىنىقى ئارقىلىق، تەجرىبە رايونىنى خەلقئارالىق سەۋىيەدىكى مەبلەغ-سودا قولايلىقىغا ئىگە، پۇل ئالماشتۇرۇش ئەركىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈملۈك ۋە تېز، قانۇن-تۈزۈم مۇھىتى قېلىپلاشقان ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خەلقئارا سېلىنما، سودا ئوبوروت تەرتىپى بىلەن ئۆزئارا تۇتاشقان ئاساسىي تۈزۈم رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىش شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنى قۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھېسابلىنىدۇ.