خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-دېكابىر، 2013-يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» مۇكاپاتى شۇنداقلا «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ‹جۇڭگو ئارزۇيۇم› تېمىسىدا ماقالە توپلاش بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرگە مۇكاپات بېرىش مۇراسىمى جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بەي گېڭشېڭ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، داڭلىق موڭغۇل يازغۇچى مالاشىنفۇ، باھالىغۇچىلار، يازغۇچى تەرجىمانلار شۇنداقلا قىسمەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرى مۇكاپات بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.