ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئابدۇل خەۋىرى: غەربىي رايون بۇرغىلاش- چارلاش شىركىتى بۇرغىلاش ئەترەتلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى، تەشكىللەش ئىقتىدارى، تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈش، بۇرغىلاش قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا قاراماي بۇرغىلاش شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش مەركىزىدە، مۇنەۋۋەر بۇرغىلاش ئەترەت باشلىقىلىرى بىلەن مۇنەۋۋەر پەن گۇرۇپپا باشلىقلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
مۇسابىقىغە غەربىي رايون بۇرغىلاش چارلاش شىركىتىگە قاراشلىق قاراماي بۇرغىلاش شىركىتى، چىڭخەي بۇرغىلاش شىركىتى، تۇرپان ـ قۇمۇل بۇرغىلاش شىركىتى، شەرقىي جۇڭغار بۇرغىلاش شىركىتى، خەلقئارا بۇرغىلاش شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تاللانغان 26 نەپەر بۇرغىلاش ئەترەت باشلىقى، 46 نەپەر پەن گۇرۇپپا باشلىقى قاتناشتى ھەمدە تاللانغان خادىملار مۇكاپاتلاندى .