توردىكى ئىغۋاگەرچىلىككە قانۇن بويىچە مەركەزلىك زەربە بېرەيلى!
20-ئاۋغۇست جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى توردىكى تەشكىللىك ئىغۋاگەرچىلىككە مەركەزلىك زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىدى. ساقچى تەرەپ ئاممىنىڭ پاش قىلىشى ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، توردىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز سودا قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى ئالاقە شىركەتلىرى ۋە قانۇنسىز تور بېكەتلىرىنى تارمار قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى. 9-سېنتەبر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىرلىكتە «ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە ھەققىدە ئىزاھات» نى ئېلان قىلىپ، توردىن پايدىلىنىپپىتنە-ئىغۋا تارقىتىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە جازا بېرىشكە ئېنىق قانۇنىي ئۆلچەم بەلگىلەپ بەردى. مەملىكەتلىك ئالەقە تورى يىغىنى مەملىكىتىمىزدىكى ئالاقە تورى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، توردىكى داڭلىق شەخىسلەر ۋە تورداشلارنىڭ تەلەپچانلىق ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن-نىزام قاتارلىق «7 تۆۋەن چەك»كە ئورتاق رىئايە قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.