باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى شىنجاڭلىق قىز ئەسكەرلەر (1)

2013.12.30 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن شىنجاڭلىق بەش قىز يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. دېڭىز – ئوكياندىن ئەڭ يىراق شىنجاڭدىن ئېلىمىزنىڭ ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىسىغا بېرىپ، دېڭىز ئارمىيەسىدە خىزمەت ئۆتەش ئۇلار ئۈچۈن ئاجايىپ سەرگۈزەشتە.

  ھەربىي خىزمەت ئۆتەش جەريانىدىكى كەچمىشلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۆزئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى.

  لۇ يەن

  يېقىندا ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن تۇرسۇنگۈل مەمەت، مەرھابا دولقۇن، مەرھابا ئالىم، ئەقىدە ئوسمان، سۈبھىنۇر مەمەت بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلار ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقانىدى. ئۇلار بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكىنىمدە بەكلا ھاياجانلاندىم، ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئاددىي – ساددا، مۇلايىم بۇ شادىمان قىزلارنىڭ سۆز – ھەرىكىتىدە نامايان بولغان ئېغىر – بېسىقلىق ۋە سالاپەت مۇشۇ ياشتىكى ياشلاردا يوق دېيەرلىك ئىدى.

  ‹‹ھاياتىمىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك تەجرىبە››

  ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى كەچۈرمىشلەر بۇ بەش قىزنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەسلىمە بولۇپ قالغان. ئۇلار ئېلىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلاشقان ئاۋىياماتكىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپتۇ. ئۇلار ئاۋىياماتكىدا ئۆزلىرىگە شان – شەرەپ كەلتۈردى، ئىرادىسىنى چېنىقتۇردى، كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  21 ياشلىق سۈبھىنۇر ئائىلىسىدە يالغۇز قىز بولۇپ، چىرايىدىن گۆدەكلىكى چىقىپ تۇراتتى، ئۇ شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1 – يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن. سۈبھىنۇر: ‹‹تۇنجى قېتىم دېڭىزغا چىققىنىمىزدا، بېشىمىز قېيىپ بىرقانچە قېتىم قۇسۇۋەتكەنىدۇق، دېڭىز تۇرمۇشىغا كۆنگەندىن كېيىن، قۇسمايدىغان بولدۇق. <لياۋنىڭ>ناملىق ئاۋىياماتكىدىكىلەر ئېلىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن، بىز ئىنتايىن كۆڭۈللۈك خىزمەت قىلاتتۇق، ئىلگىرى باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، كۆرۈشكەندە بەكلا قورۇناتتىم، ھازىر باشقىلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاراڭلىشىدىغان بولدۇم، ئاتا – ئانام مېنىڭدىن بەكلا پەخىرلىنىدۇ، ھەربىي سەپتىكى ۋاقتىمدا ئۇلار ماڭا ھەمىشە ئىلھام بېرىپ كەلدى››، دېدى.

  ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن بۇ قىزلارنىڭ روھىي قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپتۇ.

  24 ياشلىق مەرھابا ئالىممۇ ئائىلىسىدە يالغۇز قىز ئىكەن، ئاتىسى ھەربىي بولغاچقا، مەرھابامۇ ھەربىي سەپكە كىرىشنى ئارزۇ قىلغان ئىكەن. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئايروپىلان مۇلازىمەتچىسىلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ھەربىي سەپكە كىرىشكە تىزىملاتقان ئىكەن. ئۇ: ‹‹مەن بەكلا ئەركە چوڭ بولغان، ئەسكەر بولۇپ چېنىقىش ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل كەچۈرمىشىم، بۇ كەچۈرمىشىم پىشىپ يېتىلىشىمدە مۇھىم رول ئوينىدى، ئالدىراقسانلىق قىلمايدىغان، ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى ئۆزۈم قىلىدىغان بولدۇم››، دېدى.

  ئەقىدە مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ خېلىلا ئۆزگەرگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم، ئىلگىرى ئىشلارنى سۆرەلمىلىك بىلەن ئاستا قىلاتتىم، ھازىر كەسكىن قىلىدىغان بولدۇم. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئانامغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەردىم، ئاتا – ئانام بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدى. مەن قىسىمدا ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلايدىغان، ئىشلارنى قانداق قىلىشنى بىلىدىغان، مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلالايدىغان بولۇپ يېتىلدىم››.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر