باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشى مەنئى قىلىنىدۇ

2013.12.31 13:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «رەھبىرى كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىدۇ: رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشى ئاممىۋىي مۇھىت ۋە ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئوبرازىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىنىشنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئوبدان ئىشلەش ئۈچۈن، مەركەزدىكى يولداشلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ھازىر رەھبىرى كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا مۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقاردۇق:

  1-ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماق چېكىشنى مەنئى قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە نەمۇنىلىك رىئايە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە بولۇپ، قانۇن بەلگىلىمىلەرنىڭ نوپۇزىنى، پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئوبرازىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك.

  2-ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار، مەكتەپ، دوختۇرخانا، تەنتەربىيە سارايلىرى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان سارايلىرى، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى قاتارلىق تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنغان سورۇنلاردا تاماكا چەكسە بولمايدۇ، باشقا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش بەلگىسى بولغان ئاممىۋىي سورۇنلاردا باشلامچىلىق بىلەن تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك.

  3-ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىدە تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار تاماكا بىلەن تەمىنلىسە بولمايدۇ. ئاممىۋىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان خادىملار تاماكا چەكسە، تۇتسا، چېكىشكە زورلىسا بولمايدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى تاماكا سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

  4-ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى تۈتەكسىز ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئورگانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا تاماكا سېتىش ۋە تاماكا بىلەن تەمىنلەش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، تاماكا ئېلانى بېرىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، ئاممىۋى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدا تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۆز ئىدارىسىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنى تاماكا كونترول قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تاماكا چېكىدىغان خادىملارنى تاماكا تاشلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. سەھىيە، تەشۋىقات قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى كەڭ تۈردە سەپەرۋەر قىلىپ، كۆپ شەكىللىك تاماكا مەنئى قىلىش كونترول قىلىش تەشۋىقات تەربىيە پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە تاماكا مەنئى قىلىش، تاماكا كونترول قىلىشتەك ياخشى كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر