- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ 190 يۈرۈش «يۆتكىلىشىچان ئاشخانا» سېتىۋىلىپ يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقلىنىشى قۇلايلاشتى
2014.01.06 15:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: يېقىندا، ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش سېتىۋالغان 190 يۈرۈش «يۆتكىلىشچان ئاشخانا» كەينى ـ كەينىدىن ھەر قايسى تۈردىكى مەكتەپلەرگە سەپلىنىپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن.
2011-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي2 مىليارد 220 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 80 ناھىيە (شەھەر)دىكى 3300دىن ئارتۇق يېزا ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئاشخانىلىرى يېڭىدىن سېلىندى ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ سىلىندى، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىليۇن 180 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يەتكەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغان يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئاشخانا بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئۇزۇقلۇق تاماقنى ياخشىلاش پىلانى سىناق نۇقتىسىدىكى يېزا مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي قاپلىنىش نىسبىتى %92كە يەتكەن، باشقا ناھىيە (شەھەر) يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئاشخانا بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %56كە يەتكەن. (جاۋ شىييا فوتوسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر