باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قار ئەجدىھاسى ناملىق پاراخوتنىڭ مۇز خەۋپىگە يولۇققانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇھىم يوليورۇق بەردى

2014.01.06 09:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ۋاقتى 2-يانۋار سائەت 19 يېرىمدە ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈش ئەترىتى بىلەن قار ئەجدىھاسى ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى ئاۋىستىرائىلىيە جەنۇبىي قۇتۇپ نۇرى ناملىق تەكشۈرۈش مۇز يارغۇچى پاراخوتىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا،جەنۇبى قۇتۇپتا خەتەرگە يولۇققان رۇسىيەنىڭ ئاكادېمىك شوكىرىسكى ناملىق پاراخوتىدىكى 52 كىشىنى قۇتقۇزدى. قار ئەجدىھاسى ناملىق پاراخوت لەيلىمە مۇز رايونىدىن ئايرىلىپ كېيىنكى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى باشلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ، كۈچلۈك سىكلون تىز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، پاراخوتتىكى 101 كىشى قاپسىلىپ قالدى. مەزكۇر رايوندا ھاۋا رايى ۋە دېڭىزدىكى مۇزنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر قار ئەجدىھاسى ناملىق پاراخوت مۇز يېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن قىيىنچىلىقتىن ۋاقتىنچە قۇتۇلغان.

  قار ئەجدىھاسى ناملىق پاراخوت توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى ، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ ئېلىمىز تەكشۈرۈش ئەترىتى بىلەن قار ئەجدىھاسى ناملىق پاراخوت قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، خېيىم خەتەرگە قارىماي خەتەرگە يولۇققان رۇسىيەنىڭ يولۇچىلار پاراخوتىنى قۇتقۇزۇپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن شەرەپ قۇچتى، يولداشلارنى تەبرىكلەيمەن ھەمدە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. شى جىنپىڭ ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەردىن ماسلىشىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەتەندىكى خەلق سىلەر بىلەن بىرگە، سىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراپ، ئىشەنچىڭلارنى چىڭىتىپ، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، بالدۇرراق تىنچ ئامان قايتىپ كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تەستىقىي يول يورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، جەزمەن بىخەتەرلىك ئالدىنقى شەرتىدە پايدىلىق پۇرسەتنى كۈتۈپ، دېڭىز مۇزى مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلۇش ئامالىنى ئىزدىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئالاقىدار تارماقلار مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بويىچە، يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ،قار ئەجدىھاسى ناملىق پاراخوتنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشكىللىدى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسلىھەتىگە قارىغاندا،6-يانۋار بىر قېتىملىق ھاۋا رايى ۋە دېڭىز مۇزىنىڭ ئۆزگىرىپ، قار ئەجدىھاسى ناملىق پاراخوتنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىلىشىغا ئۈمىد تۇغۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر