باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارلامېنت سايلىمى تايلاند ۋەزىيىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىمۇ

2014.01.03 18:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21 – دېكابىر تايلاندتىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان دېموكراتلار پارتىيەسى كېلەر يىلى فېۋرالدىكى پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ تايلاندتا كەسكىن تالاش – تارتىش پەيدا قىلدى. دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سايلامغا قارشى تۇرۇشى تايلاندنىڭ سىياسىي يۈزلىنىشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ كېلەر يىلى فېۋرالدىكى پارلامېنت سايلىمى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلەرمۇ؟ بۇ مەسىلىلەر كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئابخىسىت 22 – دېكابىر بۇ پارتىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن سايلامغا قاتناشمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: دېموكراتلار پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىدە، كېلەر يىلى 2 – فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام تايلاندنى كىرىزىستىن ھەرگىز قۇتۇلدۇرالمايدۇ. دېموكراتلار پارتىيەسى سايلامغا قاتناشقان تەقدىردىمۇ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ناتايىن. سىياسىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىسا، خەلق يېڭى ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيدۇ.

  يىڭلاك باشچىلىقىدىكى تاي پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى 22 – دېكابىر مۇنداق دېدى: بۇ ھەيران قالارلىق ئىشمۇ ئەمەس، چۈنكى، سايلامدا مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئايان. بۇ پەقەت بىر سىياسىي ئويۇن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى يىڭلاك ھۆكۈمىتى بىلەن دېموكراتىك مېخانىزمنى ئاغدۇرۇشتىن ئىبارەت.

  دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېلەر يىلىدىكى سايلامغا قارشى تۇرماقچى بولغانلىقىغا يىڭلاك مۇنداق دېدى: مەن ئىستېپا بەرمەيمەن، سايلامنىمۇ كەينىگە سۈرمەيمەن. كېلەر يىلى فېۋرالدىكى سايلامدىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت ئاۋۋال ئىسلاھات كومىتېتى قۇرۇپ، ئىككى يىلغىچە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلاھات توغرىسىدىكى مۇنبەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆپچىلىك تايلاندتا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن ئاۋۋال سايلام ئۆتكۈزۈش كېرەك.

  تايلاندتىكى باشقا پارتىيە گۇرۇھنىڭ مەسئۇللىرى سايلامنىڭ كېلەر يىلى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلۈش ـ ئۆتكۈزۈلمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر، سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. تاي پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى 21 – دېكابىر مۇنداق دېدى: مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىدىغان ئەڭ ياخشى چارە تېپىپ چىقىشنى، سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «خەلق دېموكراتىك ئىسلاھات كومىتېتى» باشچىلىقىدىكى نامايىشچىلار كېلەر يىلى فېۋرالدىكى سايلامغا قارشى تۇرۇپ يىڭلاكتىن دەرھال تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار يەنە يىڭلاك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، بىتەرەپتە تۇرىدىغان «خەلق كومىتېتى» قۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى، ئاندىن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى يىڭلاك رەت قىلغاچقا، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار 22 – دېكابىر باڭكوكتا كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلىپ، يىڭلاكقا يەنە بېسىم قىلدى.

  يىڭلاك ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى 20 – دېكابىر سايلام كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يىغىن ئېچىپ، سايلامنىڭ قارالمىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى مۇزاكىرە قىلدى. تايلاند سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق دېدى: يىڭلاك ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن سايلام كومىتېتى يېڭى سايلامنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سايلامنىڭ ئادىل ۋە ئوبيېكتىپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا، سايلامنىڭ پىلان بويىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. سايلامغا قاتنىشىدىغانلار 30 – دېكابىردىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن.

  21 – دېكابىر، تايلاند سايلام كومىتېتى نامايىشچىلارنىڭ سايلامغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. سايلام كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى مۇنداق دېدى: سايلام كومىتېتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى، سايلام كومىتېتىنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ ھەممىسى يېڭى ئەزالار بولسىمۇ، ئۇلار سايلام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەييارلىنىپ بولدى.

  سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق دېدى: ھەممە پارتىيە ئوخشاشلا مۇھىم، دېموكراتلار پارتىيەسى سايلامغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، سايلام كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

  تايلاند تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %55.3 كىشى ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامغا توسقۇنلۇق قىلىپ، سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماسلىقىدىن يەنىلا ئەنسىرەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر