باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى ئۆي ئىچى كومېدىيەلىك چاتما تىياتىر سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى

2014.01.06 09:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى كۆپ قىسىملىق ئۆي ئىچى كومېدىيەلىك چاتما تىياتىر __ «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى.

  20 ـ دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى كۆپ قىسىملىق ئۆي ئىچى كومېدىيەلىك چاتما تىياتىر __ «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» نى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ تىياتىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى ئۆي ئىچى كومېدىيەلىك چاتما تىياتىر ھېسابلىنىدىكەن.

  شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ياڭ خۇڭشىن مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمدە ئادەتتىكى ئائىلىلەردىكى كونا ئىدىيە بىلەن يېڭى كۆز قاراشنىڭ توقۇنۇشى، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى خۇشاللىق، قايغۇ ۋە خاتىرجەملىكلەر، قوشنا – قولۇملار ئارىسىدىكى چوڭ – كىچىك ئىشلار تەسۋىرلەنگەن. تاماشىبىنلار فىلىمدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر ئائىلىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق، دەۋرنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقىنى كۆرەلەيدۇ، شىنجاڭدىكى ھازىرقى دەۋردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىزدىنىشى ۋە ئىنتىلىشىنى بىلەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر