باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن كورېيەگە يەنە پوپوزا قىلدى

2014.01.03 18:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە مېدىيالىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى 20 – دېكابىر مۇنداق دېگەن: چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى 19 – دېكابىر كورېيەگە تېلېفون بېرىپ، چاۋشيەننىڭ يۈكسەك ئىززەت – ئابرۇيى ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك، كورېيەگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيلا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى تېلېفوننى بىۋاسىتە كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشخانىسىغا قىلغان. چاۋشيەن مۇنداق دېگەن: چاۋشيەننىڭ ئالىي داھىيسى كىم جۇڭئېل ۋاپاتىنىڭ ئىككى يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان كۈنلەردە، كورېيەنىڭ مۇتەئەسسىپلىرى سېئۇلدا نامايىش قىلىپ، چاۋشيەننىڭ يۈكسەك ئىززەت – ئابرۇيىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدى.

  كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: چاۋشيەن ئەگەر بىزگە شىلتىڭ ئاتسا، بىز غەربىي دېڭىزدىكى ھەربىي قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق چاۋشيەنگە قاتتىق قايتۇرما زەربە بېرىمىز.

  كورېيە ھۆكۈمىتى مۇنداق دېگەن: چاۋشيەن بۇ قېتىم راستتىنلا شىلتىڭ ئېتىشى مۇمكىن، شۇڭا، بىز چاۋشيەننىڭ ھەرىكىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. كورېيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈشى ۋە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋاقتىنچە مەنئى قىلىندى.

  كورېيە مېدىيالىرى مۇنداق دېگەن: بۇ كورېيە قوبۇل قىلغان چاۋشيەننىڭ تۇنجى قېتىملىق تەھدىت تېلېفونى ئەمەس. چاۋشيەن 23 – نويابىر، يەنى، يەنپيۇڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىنىڭ ئۈچ يىللىقىدا كورېيەگە تېلېفون بېرىپ، ئەگەر، چاۋشيەن زېمىنىغا بىرەر پاي ئوق ئېتىلىپ قالسا، كورېيەنى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇۋېتىمىز، دەپ پوپوزا قىلغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر