باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى تېزىملىكىدە يېڭىدىن 13 تۈرلۈك دورا كۆپەيدى

2014.01.06 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 5-يانۋار شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى، شىنجاڭدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان بىمارلارنىڭ ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرىدىغان دورىدىن 13 خىلى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇنىڭ 9 خىلى ئوكۇل دورا، تۆت خىلى ئىچىدىغان دورا ئىكەن. ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىلىرىدىكى دورا تىزىملىكىگە 2492 خىل دورا كىرگۈزۈلگەن.

  ئالاقىدار خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگەن بۇ دورىلارنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشىكەن، باھاسى ئوخشاش دورىلار ئىچىدە A دەرىجىلىك دورىلارنىڭ باھاسىدىن سەل قىممەت ئىكەن، مەسىلەن، قايتا پەيدا بولىدىغان توسالغۇ خاراكتېرلىك قان ئازلىق، پەۋقۇلئاددە كۆرۈلىدىغان قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغلىق تەڭگە تەمرەتكىدىن ئېلىنغان ئوكۇل سۇيۇقلۇقى ئادەتتە كۈندە بىر قېتىم قويۇلىدىغان بولۇپ، بىر قېتىملىقىنىڭ باھاسى 70 ـ 80 يۈەن ياكى يۈز يۈەندىن يۇقىرى، ئىشلىتىش مۇددىتى ئۇزۇن بولغاچقا، بىمارغا بېسىم بولاتتىكەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، بىمارنىڭ يۈكى زور دەرىجىدە يېنىكلەيدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر