ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەلقەم ئىلھام خەۋىرى، فوتوسى: يېڭى يىل يېڭى پەللە، يېڭى يىل يېڭى نەتىجە، يېڭى يىل يېڭى پۇرسەت ۋە تەرەققىيات، يېڭى يىل يېڭى ھەرىكەت ۋە بەرىكەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەنە شۇنداق قۇتلۇق دەملەردە، يەنى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىسىغا جايلاشقان << گۈزەل قاشتېشى ئالىي مېھمانسارىيى >> نىڭ يىغىن زالىدا، بايلىق كارخانىچىلار كۇلۇبىنىڭ 2013 -يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ۋە 2014-يىلنى كۈتۈۋېلىش يېڭى يىللىق كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، بايلىق كارخانىچىلار كۇلۇبىنىڭ رىياسەتچىسى مىرزات نۇرئەخمەت ئەپەندى ياڭراق ۋە جۇشقۇن ئاۋازى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر يىغىنغا دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى بانكا، سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، نازارەت، ئىدارە ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن 20 گە يېقىن كىشى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى، ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسسىسى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، قانۇنچىلىق گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى، نۇر تورى، چىمبۇلاق تورى، بايلىق تورى قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇخبىرلىرى، دىيارىمىزدىكى 100 گە يېقىن كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە ھەرساھە زاتلار ئىشتراك ئەتتى. يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچىلارنىڭ كۆپ قىسمى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا، تۇرپان قاتارلىق دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، يەنە بىر قانچە مېھمان گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يېتىپ كەلگەن ئىدى.