باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇشەررەف ئۆلۈم جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن

2014.01.06 09:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەگەر دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بېكىتىلسە ، مۇشەررەف ئۆلۈم جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ ئاجىز ھالەتتە تۇرىۋاتقان پاكىستان ھۆكۈمىتىگە يېڭى مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

  پاكىستان ئالاھىدە سوتى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سوت ئىچىپ سابىق زۇڭتۇڭ مۇشەررەفنى دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى توغرىسىدا سوتلايدۇ. مۇشەررەف ھازىرغىچە بەلگىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھۆكۈم نەتىجىسى پاكىستان سىياسىي سەھنىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  سوت ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى

  مۇشەررەفنى سوتلاش ئەسلى 2013-يىلى 24-دېكابىرغا بېكىتىلگەن ، بىراق ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى مۇشەررەفنىڭ سوتقا بېرىپ كېلىدىغان يولىدا پارتلاتقۇچ بايقىغان. بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، سوت ۋاقتى 2014-يىلى 1-يانۋارغا كېچىكتۈرۈلگەن.

  2007-يىلى 11-ئايدا، مۇشەررەف قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ شتاب باشلىقلىق سالاھىيىتى بىلەن جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، 60 قا يېقىن سوت ئەمەلدارىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئاساسى قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشنىڭ سەۋەبى. 2013-يىلى 11-ئايدا، پاكىستان ھۆكۈمەت تەرەپ مۇشەررەفكە قارىتىلغان دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلىش تەرتىپلىرىنى باشلاپ، ئۈچ نەپەر ئەزادىن ئالاھىدە سوت تەشكىللىگەن، بۇ پاكىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھەربىي تەرەپنىڭ رەھبەرلىرىنى دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلىشى ھېسابلىنىدۇ .

  ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى بىردەك ئەمەس

  مۇشەررەفنىڭ ئادۋۇكاتى ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈپ، مۇشەررەفكە قارىتىلغان ئەيىبلەشتە روشەن سىياسىي تۈس بار، ھازىرقى باش مىنسىتىر شېرىف سوت ئارقىلىق كونا ھېسابنى ئالماقچى بولىۋاتىدۇ. 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شۇ ۋاقىتتىكى پاكىستان باش مىنسىتىرسى شېرىف مۇشەررەفنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە سەنموجاڭى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئىلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان، مۇشەررەف ئارقىدىنلا ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

  پاكىستاندىكى بىر قىسىم زاتلار مۇشەررەفنى دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش ۋاقتىغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، دۆلەت ھازىر تالىپان كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دۆلەت ئارمىيىگە تايىنىپ تالىپان قوراللىقلىرىغا زەربە بېرىشى كېرەك ، مۇشەررەفنى سوتلاش ئېھتىمال ھەربىي تەرەپنىڭ ئىچكى قىسمىدا داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . نۇرغۇن ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى، مۇشەررەفنى ئەرز قىلىشتىكى مەقسەت پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، ئاممىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كرىزىسقا بولغان دىققەت ئېتىبارىنى بۇراشتىن ئىبارەت، ھالبۇكى پاكىستان نۆۋەتتە بىر قاتار ئىچكى نىزالارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنداق بىر مەيدان سوتنى زىممىسىگە ئالالمايدۇ.

  باش مىنسىتىر شېرىف ھۆكۈمەت بېسىمغا ئۇچرىدى

  شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇشەررەف بىر چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۆزىگە قارىتىلغان دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش بىر خىل «ئۆچ ئېلىش» ھەرىكىتى، پاكىستاندىكى پۈتۈن ئارمىيە دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشتىن خاتىرجەمسىزلىنىدۇ، دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش مەسىلىسىدە، ھەربىي تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسى ئۆزى بىلەن بىردەك» دېدى .

  ھازىرغا قەدەر، پاكىستان ھەربىي تەرەپ مۇشەررەفنىڭ دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئاشكارا پىكىر بايان قىلمىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە پاكىستان ھەربىي تەرەپ يەنىلا مۇھىم تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، پاكىستان ھۆكۈمىتى مۇشەررەفكە قارىتىلغان دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى ئەنزىسىدە ئىنتايىن ئېھتىياتچان مۇئامىلىدە بولىۋاتىدۇ.

  بۇ پاكىستان تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم ئارمىيە رەھبەرلىرىنى دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلىشى بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبتىن ناھايىتى زور بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر