باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا «ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن چېكىندى»

2014.01.03 18:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ 18 – دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت كومىتېتى يېقىندا مىسىرغا ئوخشاش ھاكىمىيەتنى ئارمىيە قولىغا ئالغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن تەڭشىشى مۇمكىن. بۇ لايىھە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىر قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە دۆلەتلەر بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا تۈرتكە بولغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارغا مالىيە ۋە ھەربىي ياردەم بېرىشكە قاتتىق چەك قويغان.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ لايىھە ئوباما ھۆكۈمىتىنى بۇ يىل يازدا مىسىردا ئۇچرىغان ئوسال ئەھۋالغا قايتا دۇچار بولۇشتىن ساقلايدىكەن. ئامېرىكا «دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ 7008 – ماددىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش بولغان دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى مەنئى قىلىنغان. ئاقساراي مىسىرغا بېرىدىغان ياردەمنى قىسقارتسا، مىسىردىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىدىن ئەنسىرەپ، مىسىر ئارمىيەسىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى سىياسىي ئۆزگىرىش، دېيىشىنى رەت قىلىپ كەلگەنىدى.

  بۇ قانۇن لايىھەسى قارىماققا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشتە چەكلىگەندەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ شۇ دۆلەتلەرگە «خالىغانچە» ياردەم بېرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا «ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن چېكىنگەن».

  ئامېرىكىنىڭ مىسىردىكى سىياسىي تەھلىلچىلىرى مۇنداق دېگەن: بۇ قانۇن لايىھە مىسىر ھەربىي ھۆكۈمىتىنى يول خېتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ مىسىرلىقلارغا چوقۇم مەسئۇل بولۇش تەلەپ قىلىندى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مىسىر يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي رەقىبلىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، زوراۋانلىققا پاتقان مىسىرغا تانكا ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلغان.

  برۇكىڭس جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى شادى ھامىد ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: پارلامېنت بۇ مەسىلىدە مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچكەن. بۇ قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىق ھۆكۈمەتنى ئۆز مەيلىچە ئىش كۆرۈشكە قويۇپ بەرگەنلىككە باراۋەر. ئەگەر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالىسا، سەۋەبىنى ئېنىق ئېيتىشى كېرەك.

  ۋاشىنگتون تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېرىك مۇنداق دېگەن: بۇ قانۇن لايىھەسى ھۆكۈمەتنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ ئەركىن ئىجرا قىلىشىغا پايدىلىق. بۇ قانۇن لايىھەسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مىسىردىكى ئارمىيە تىزگىنلىكىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش جېڭىدە، ئامېرىكىنىڭ تەسىرى چەكلىك بولۇپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر