باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارا بەرگەن دورا كارخانىلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ

2014.01.02 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا يەنە بىر قېتىم دورا سېتىۋېلىش ۋە سېتىش سەھەسىدىكى ناتوغرا ئىستىللارغا قاتتىق زەربە بەردى. «تىببىي دورا سېتىۋېلىش-سېتىش ساھەسىدىكى پارا بېرىش ناچار قىلمىشىنى خاتىرىلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» رەسمى بېسىپ تارقىتىلدى. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سودا ئىشلىرىدا پارا بېرىش ناچار خاتىرىسى بار دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى داۋالاش ئورۇنلىرىدا خېرىدار چاقىرىشقا قاتناشقاندا، سېتىۋېىلىشنى باھالاپ نومۇر قويۇلغاندا نومۇر تارتىلىدۇ، خاراكتېرى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ھەتتا خېرىدار چاقىرىشقا قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

  دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇي لى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ مۇكەممەللەشكەندىن كېيىنكى تىببى دورا سېتىۋېلىش-سېتىش ساھەسىدىكى سودا پارىخورلىقى ناچار قىلمىشىنى خاتىرىلەش بەلگىلىمىسى 1-مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. سودا پارىسى بەرگەنلىك ناچار قىلمىشى خاتىرىلەنگەن تىببى دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئېغىر جازالىنىدۇ.

  بەلگىلىمىدە يەنە ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى تور بېكەتلىرىدە، سودا پارىسى بېرىش ناچار خاتىرىلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى ھەمدە ئېلان قىلىپ بىر ئاي ئىچىدە دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىغا مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىندى. دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى تور بېكىتى ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارماقلىرى ئېلان قىلغان سودا پارىسى بېرىش ناچار خاتىرىلىرىنى توردا ئېلان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر