باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

2013-يىلى ئىستىل تۈزىتىش-ئىنتىزامنى ياخشىلاش خىزمىتىدىن خەلق رازى بولدى

2014.01.03 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەنە خۇلاسە چىقىرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى. 2013-يىلى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش، خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇقنى تۈزەشتە ئەمەلىي ئۈنۈم چىڭ تۇتۇلدى، ئىستىل تۈزىتىش-ئىنتىزامنى ياخشىلاش ئاممىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى. يېقىندا بىر قىسىم ئورگانلار ئېلان قىلغان ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، كۆپ سانلىق كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى دەپ قارىغان. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2013-يىلى 11-ئايدا 21 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دە ئېلىپ بارغان ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، %87.3 ئامما ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى ئەھۋالىدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشىلىنىش بولدى دەپ قارىغان، %77.1 ئامما رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش سالماق ئېلىپ بېرىلدى دەپ قارىغان. خەلق تورىدا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، %78.9 ئادەم مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئەتراپىمدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىدا روشەن ياخشىلىنىش بولدى ياكى ياخشىلىنىش بولدى دەپ قارىغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر