باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يەر شارىدىكى 24 ئادەم 2024-يىلى مارسقا كۆچمەن بولۇپ كېتىدىكەن(1)

2014.01.06 09:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مارسقا كۆچمەن يۆتكەش ئېكسپېدىتسىيە پىلانىنى ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن بىر مەھەل داڭقى چىققان گوللاندىيەنىڭ پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتى «مارس 1-نومۇر» 2-يانۋار 200 مىڭ تىزىمغا ئالدۇرغۇچى ئارىسىدىن دەسلەپكى قەدەمدە 1058 ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ 1-باسقۇچتىكى مارسقا كۆچمەن بولۇش مەشىقىگە قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلدۇق، بۇ 1058 ئادەم كۆپ قېتىم شاللىنىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا 24 يەر شارى قەھرىمانى تاللىنىدۇ ھەم 2024 يىلى ئالتە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ مارسقا بارىدۇ دەپ جاكارلىدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى مارس سەپىرىنىڭ قايتىپ كېلىش بېلىتى يوق ئىكەن، ئۇلار مارسقا كەتكەنچە قايتىپ كەلمەيدىكەن.

  خەۋەرگە قارىغاندا، گوللاندىيەنىڭ پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتى «مارس 1-نومۇر» 2012-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان، بۇلتۇردىن باشلاپ، 2024-يىلى مارسقا قونۇش پىلانىنى رەسمىي يولغا قويغان ھەم مارس كۆچمەنلىرىنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان. ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ بىردىنبىر چەكلىمىسى يېشى 18 گە توشقان بولۇش ئىكەن، تىزىملاتقۇچىلار بۇلتۇر 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تىزىملاتقان.

  تاللاش ئارقىلىق، «مارس 1-نومۇر» بۇلتۇر 30-دېكابىر تاللانغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلغان، ئۇلار ئىگىلمەس-سۇنماس روھقا، ياخشى ھۆكۈم ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش، ساياھەت قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، بەدىنى ناھايىتى ساغلام بولۇش، زەھەر چەكمىگەن بولۇش، ئىنگلىزچىنى ياخشى سۆزلەش قاتارلىق شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغان.

  «مارس 1-نومۇر» 2-يانۋار 200 مىڭ ئىلتىماس قىلغۇچى ئارىسىدىن دەسلەپكى قەدەمدە 1058 ئادەمنىڭ 2-باسقۇچتىكى تاللاشقا كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. «مارس 1-نومۇر» تەشكىلاتىنى قۇرۇغان گوللاندىيەلىك كارخانىچى باس رانىسدوپ ئىنسانىيەتنىڭ مارستا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇش ئۈچۈن، ياخشى بەدەن، روھىي ھالەتكە ئىگە بولۇش شەرت. بىز 200 مىڭ ئىلتىماس قىلغۇچى ئارىسىدىن بەدەن ئەھۋالى مارس ئەلچىسى بولۇشقا ماس كېلىدۇ دەپ قارىغان ئادەملەرنى تاللىدۇق، لېكىن بەزى كىشىلەر بۇ ۋەزىپىگە ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىدى، ھەتتا نەچچە ئىلتىماس قىلغۇچى فىلىمدە يالىڭاچ كۆرۈنۈشىنى چىقاردى دېدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر