باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئەمەلدارنى قاتتىق باشقۇرۇش لازىم

‐‐ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2014.01.03 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇقتۇرۇش»تىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  سوئال: بۇ قېتىمقى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش خىزمىتى ئۆتكەن يىللاردىكىدىن قايسى جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ؟

  جاۋاب: كادىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغىلى 3 يىل بولدى. ئۆتكەن يىللاردىكىگە قارىغاندا، بۇ قېتىم جەدۋەل تولدۇرۇشتىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك شۇكى، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئەمەلدارلارنى قاتتىق باشقۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلدى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئېنىق تەلەپ قىلىندى، رەھبىرىي كادىرلار مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەقىقىي دوكلات قىلىشى، تولدۇرۇلغان مەزمۇننىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنىڭ چەكلەش كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك. (شېڭ روۋېي خەۋىرى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر