باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئاممىۋى لۇشيەننىڭ تۆتنى تۈزەش، بىرنى ياخشىلاش خىزمىتىدە ئۈنۈم كۆرۈلدى

2014.01.06 09:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىدىيە، تەشۋىقات، مەدەنىيەت سېپى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاش، كېچىلىكنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈشنى تۈزەش، بالىلار نەشرىيات بازىرىنى تۈزەش، گېزىت-ژۇرنال تارقىتىشنى تۈزەپ قېلىپلاشتۇرۇش، ئاخبارات ئالدامچىلىقىنى تۈزەش قاتارلىق تۆتنى تۈزەش، بىرنى ياخشىلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمى بىلەن كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاخبارات تاراتقۇلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تۇرمۇشتىن يىپ ئۇچىنى بايقاپ، ئاخباراتلارنى قېزىپ چىقىپ، خەۋەرلەرنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، قىسقا، ئەمەلىي، يېڭى بولۇشنى بەلگە قىلغان ساپ يېزىقچىلىق ئىستىلىنى جۇڭگو ئاخبارات ساھەسىنىڭ يېڭى خىسلىتىگە ئايلاندۇردى.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2013-يىلى 31-دېكابىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىللىق كېچىلىكتە، ئېسىل سەھنە ۋە رەڭدار چىراغلارنى ئىشلەتمىدى، نومۇرلارنىڭ بەدىئىي سۈپىتىگە تايىنىپ، تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. 2013-يىلى 8-ئايدا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق بەش مىنىستىرلىق، كومىتېت كېچىلىكلەرنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش ئۇقتۇرۇشىنى چىقارغاندىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە بايراملىق ئويۇنلار توختىتىلدى ھەم تەڭشەلدى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق بەش مىنىستىرلىق، كومىتېت 2013-يىلى 9-ئايدا بالىلار نەشرىيات بازىرىنى ساپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قوزغىدى. بەلگىلىمىگە خىلاپ زور بىر تۈركۈم بالىلار نەشىر بۇيۇملىرى، بەلگىلىمىگە خىلاپ تور بېكەتلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، كارتون فىلىم «خۇشال قوزىچاق بىلەن كۈلرەڭ بۆرە»، «ئېيىق كەلدى» قاتارلىقلاردىكى زوراۋان كۆرۈنۈشلەر ۋە نامۇۋاپىق دىيالوگلار چىقىرىپ تاشلاندى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەتلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پارتىيەنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، گېزىت-ژۇرناللارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ تارقىتىشنى قاتتىق چەكلىدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىغا مەجبۇرىي سېلىق سېلىپ تارقىتىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار سەۋەبىدىن، «لەيۋۇ گېزىتى»، «خېنەن مائارىپى» قاتارلىق ئون نەچچە خىل گېزىت-ژۇرنال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

  سەنشىنىڭ يۈنچېڭدىكى 20-سېنتەبىر ساختا مۇخبىر دېلوسىغا 2013-يىلى 9-ئايدا جياڭشيەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوتىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جاۋابكار ياڭ جۈنلىننىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئون يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى ھەم يۈز مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار ئاخبارات ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تەسىس قىلىنغان بىر تۈركۈم ئورگانلارنى بىكار قىلدى، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن بىر تۈركۈم خادىملارنى ئىشتىن بوشاتتى، قانۇنغا خىلاپ بىر قىسىم قىلمىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر