باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى

‐‐ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش توغرىسىدا (2)

2014.01.03 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئەڭ قاتتىق جازا، ئەڭ قاتتىق مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك». يېقىندا يېپىلغان مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تەدبىر بەلگىلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئىپادە ۋە ۋەدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە جاۋاپ قايتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ خەلقنىڭ قىيىنچلىقىنى ھەل قىلىشتىكى كۈچلۈك ئىدارىسىنى نامايان قىلدى.

  يېمەكلىك ‐‐ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. مەركەز يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە خەلقنى رازى قىلىش-قىلالماسلىقنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن زور سىناق ئىكەنلىكىنى نۇقتىلىق تەكىتلىدى. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ۋە خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن كۈچەپ چىڭ تۇتۇشى لازىم.

  يېمەكلىك بىخەتەرلىكى چېتىلىدىغان ھالقا ۋە ئامىللار ناھايىتى كۆپ، لېكىن ئۇنىڭ مەنبەسى ‐‐ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئاساسى ‐‐ يېزا ئىگىلىكى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇنىڭ بىرىنچى سېخى ھېسابلىنىدۇ، مەنبە بىخەتەر بولغاندىلا، كېيىنكى ھالقىلاردىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تۇتۇشتا، چوقۇم مەنبەسىدىن تۈزۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىدىن ئىبارەت ئۇللۇق قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇش لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر