باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇشەررەپنىڭ تەقدىرى قانداق بولار؟

2014.01.06 09:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلىنىڭ تۇنجى كۈنى مۇشەررەپ يول بويىدىكى پارتلاتقۇچنىڭ ھۇجۇمىغا يەنە بىر قېتىم ئۇچرىغانلىقتىن ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى دېلوسى ھەققىدىكى سوتقا قاتنىشالمىدى. 2-يانۋاردىكى سوتنى مىڭدەك بىخەتەرلىك خادىمى يول بويى قوغداپ ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن مۇشەررەپنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغانلىقتىن قاتنىشالمىدى. ئىلگىرى پاكىستاننىڭ پىرېزىدېنتى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان بۇ نەيرەڭۋاز ئادەم قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولار؟ ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە يەنە قانداق باغلىنىش بار؟

  دۆلەت قۇرۇلۇپ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، خەلق سايلىغان ھۆكۈمەت بىلەن ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىپ تۇرۇشى- پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى باشقا ھەربىيلەر ھاكىمىيىتى بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى. ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈنگەندىن بۇيان، پاكىستان ھۆكۈمىتى باشتىن ئاخىر ئىدېئولوگىيىسىنى ياخشى ھەل قىلالماي ۋە تۈگىتەلمەي كەلدى. تىل مەدەنىيىتىدىكى پەرق ۋە ئىختىلاپ سەۋەبىدىن كۈچلۈك مىللىي تونۇش ھاسىل قىلالماي، مىللىي سىياسىي خاھىش ۋە مەنپەئەت پرىنسىپىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى ھەمدە مىللىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە پەرق بولغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىدى. ھازىرغىچە، دۆلەت يەنىلا قىسىمنىڭ مەجبۇرىي كۈچى، كۈچلۈك مەمۇرىي ئورگىنى، ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھ تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى سىياسىي سودىغا تايىنىش ئارقىلىق بىرلىكنى ساقلاشقا ئېھتىياجلىق. شۇڭا، ھەر بىر قېتىم ھەربىيلەر ھوقۇق تۇتۇشتىن بۇرۇن، پاكىستاننىڭ دۆلەت ئىچى قالايمىقانلىشىپ، جەمئىيىتى تىنچ بولماي، ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. خەلق سايلىغان ھۆكۈمەت چېرىكلىك ۋە ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىگە كىرىپ قالغاچقا، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشكە ئامالسىز قېلىپ، ئاددىي ئاۋامنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قالماقتا. ھەربىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىق بىلەن دېموكراتىك ئەركىنلىككە ئىنتىلىدىغان پارتىيە گۇرۇھ تەشكىلاتلىرى بىر جۈپ كەسكىن توقۇنۇشىدىغان زىددىيەتلىك بىر گەۋدىنى شەكىللەندۈرۈپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى ئاداۋەت كۈچىيىپ كېتىدۇ. تولۇق ھوقۇققا ئىگە سالاھىيەتلىك ھەربىي ھاكىمىيەت رەھبىرى مۇشەررەپ تەبىئىيلا ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇپ قالدى.

  مۇشەررەپ ھەربىي ئاھالىسىدىن كېلىپ چىققان، دەسلىپىدە ئۇ سىياسىيغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي ئېقىم جەريانىدا پاكىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىگە چىققان. ئۇ كۈچلۈك ھەربىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جىنايەتچى، تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ئەمەلدارلارنى جازالاپ، رادىكال دىنىي گۇرۇھ ۋە تالىپان تەشكىلاتلىرىنى چەكلەپ پېچەتلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئۇ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ ئافغانىستاندىكى تالىپان ھاكىمىيىتىگە زەربە بېرىپ، پاكىستانغا نۇرغۇن دوللار تېپىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن ئادەمنى رەنجىتىپ قويدى، شۇنداقلا تالىپان ۋە نۇرغۇن رادىكال دىنىي گۇرۇھلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

  2009-يىللىق چوڭ سايلامدا، خەلق پارتىيىسىنىڭ نامزاتى بىنەزەر بۇتتو قەستكە ئۇچرىدى، شۇ چاغدىكى پىرېزىدېنت مۇشەررەپ تەبىئىيلا پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى دېگەن گۇماننى قوزغىدى، ئارقىدىن تەختكە چىققان خەلق پارتىيىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى. 2013-يىلى ئۇ سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، دۆلەتكە قايتىپ چوڭ سايلامغا قاتناشتى، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتنىشىش مۇرادىغا يېتەلمىگەننىڭ ئۈستىگە قارشى تۇرغۇچىلارغا ھېساب كىتاب قىلىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى ھەربىيلەر سىياسىيغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدىكى ۋەدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پېشقەدەم گېنېرالى مۇشەررەپنى ئاشكارا قوللىيالمىدى، ھەممىدىن مۇھىمى پاكىستاننىڭ دېموكراتىك قانۇن تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قانۇن ساھەسىدىكىلەر مۇشەررەپ دېلوسى ئارقىلىق قانۇنى كۈچ توپلاپ، پاكىستان خەلقى ۋە جامائەتچىلىككە بىر ئادىل، باراۋەر بولغان، ئەقىلگە مۇۋاپىق جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

  يۇقىرىقى ئۈچ تەرەپتىكى سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتىگە قارىتا، كىشىلەر مۇشەررەپنىڭ تەقدىرى قانداق بولار دەپ سوئال قويماي تۇرالمىدى.

  بىرىنچى، گەرچە مۇشەررەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە نۇرغۇن خاتالىق سادىر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پاكىستاندىكى نۇرغۇن جامائەتچىلىك مۇشەررەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە پاكىستاننىڭ ئىقتىسادى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۆسكەن ۋە ياخشىلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارمىيەنىڭ رولى ۋە تەسىرى يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، مۇشەررەپ دېلوسى ئەگرى توقاي بولسىمۇ، لېكىن ئانچە خەتىرى يوق دەپ ھېسابلىدى .

  ئىككىنچى، ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان زۇڭلى شەرىف قاقۋاش يىراقنى كۆرەر سىياسىيون، ئۇ پاكىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە جەمئىيىتىنى قانداق مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ناۋادا مۇشەررەپ دېلوسى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلسا، شەرىف بۇنداق بولۇشنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.

  ئۈچىنچى، ناۋادا مۇشەررەپكە قارشى كۈچلەر ۋە سىياسىي دائىرىلەر مەلۇم كۈچ بىرلەشمىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە، بۇنىڭغا سوت مەھكىمىسىدە مۇشەررەپكە پايدىسىز نۇرغۇن ئىسپاتلار قوشۇلسا، ئۇنداقتا مۇشەررەپ پاكىستان تارىخىدىكى تۇنجى ھەربىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدىكى پىرېزىدېنت قانۇنى جازاغا ئۇچرىغان باشلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ پاكىستان سىياسىي مۇنبىرى ۋە جەمئىيىتىگە ئازدۇر كۆپتۇر تەسىر پەيدا قىلىشى ۋە زەربە بېرىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر