بىر يىپ-بىر يىپتىن كەشتىلەنگەن ‹‹ئون ئىككى مۇقام ››، ئېشەك مىنىپ كېتىۋاتقان قىزىقچى، يۇمۇرىستىك ئەپەندىم، يوغان قوغۇننى كۆتۈرۈۋېلىپ ھاياجاندا خۇشال كۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر ئانا... يېقىن بېرىپ قارىغاندا، بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە رەخت سەنئىتى ئەسەرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچى يەتتە رەستە كوچىسى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلەر مۇجەسسەم رايونى 3112-كەشتە ئىجادىيىتى ئىشخانىسىنىڭ لاتا قونچاق ھۈنىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.
6-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 4-تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدىكى 56 تۈر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىكى ئىككى تۈر تىزىملىككە كىرگەن.
بۇ قېتىمقى تىزىملىكتە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيى ئىلتىماس قىلغان لاي ھەيكەل ھۈنىرى ۋە ئۈرۈمچى يەتتە رەستە كوچىسى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مۇجەسسەم رايونى 3112-كەشتە ئىجادىيىتى ئىشخانىسىنىڭ لاتا قونچاق ھۈنىرى بار ئىكەن.