باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر 1-ئايدىن 11-ئايغىچە پارىخورلۇققا چېتىشلىق 36 مىڭ 900 ئەمەلدار تەكشۈرۈلدى

2014.01.06 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2013-يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، 27 مىڭ 236 خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق جىنايىتى دېلوسىغا چېتىشلىق 36 مىڭ 907 ئادەمنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ دېلو 21 مىڭ 848 بولۇپ، دېلو سانىنىڭ %80.2نى ئىگىلىگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇلتۇر 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئامما ئارىسىدا يۈز بەرگەن، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالغان 16 مىڭ 510 خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق جىنايىتى دېلوسىغا چېتىشلىق 23 مىڭ 17 ئادەمنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا دېلو ئومۇمىي سانىنىڭ %60.6نى ۋە %62.4نى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ دېلو 12 مىڭ 824 بولۇپ، %77.7نى ئىگىلىگەن، مۇھىم دېلو 825 بولۇپ، %3.6نى ئىگىلىگەن، دېلوغا چېتىشلىق ئومۇمىي پۇل 5 مىليارد 510 مىليون يۈەنگە يەتكەن. (چېن فېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر