باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رادىيو تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا ئورتاق تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش تەلەپ قىلىندى

2014.01.08 17:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رادىيو تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا ئورتاق تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. رادىيو تېلېۋىزىيە خادىملىرى: ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئەدەبىي تەلەپپۇزدا سۆزلەشنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئۈلگىلىك رول ئوينايمىز، دېدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دىكتور رىياسەتچىلەر پىروگراممىنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىدىن باشقا، بىردەك ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا سۆزلەپ، يېڭىدىن ياسالغان سۆزلەر ۋە قېلىپلاشمىغان تور سۆزلىرىنى، ئەبجەش سۆزلەرنى ئىشلىتىشدىن ساقلىنىشى كېرەك. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق دىكتورى فاڭ مىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆلچەملىك، قېلىپلاشقان ئورتاق تەلەپپۇزدا سۆزلەش خەلقئارا قانۇن بەلگىلىمىنىڭ ئاساسلىق تەلىپى بولۇپلا قالماستىن بەلكى رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى.

  ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغاندىن كېيىن جايلاردىكى رادىيو ئىستانسىسى، سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئالدى بىلەن ئۇقتۇرۇشنى بارلىق دىكتور رىياسەتچىلەرگە يەتكۈزدى. شاڭخەي رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئورتاق تىل يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى مۇكاپاتلاش جازالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشنى تەتقىق قىلماقتا. تىيەنجىن رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سىرتتىن سېتىۋالغان پىروگرامما ۋە سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان رىياسەتچىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر