باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ -يىپەك يولى ئقتىساد بەلبېغى بويدىكى دۆلەتلەر بىلەن پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ

2014.01.08 10:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ئارقىلىق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن پەن-تېخنىكىدا ھەمكارلىشىپ، ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدىكەن. شىنجاڭ- يىپەك يولى ئوتتۇرا بۆلكىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ، ئىككى مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا، يىپەك يولى شىنجاڭ ئارقىلىق، جۇڭگونى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەرب بىلەن تۇتاشتۇرغانىدى. تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە چوڭ كارىدۇرى قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە، ئېكولوگىيە مەسىلىسى ھەمكارلىق تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا چىقىرىش ۋە نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكا باغچە رايونى، دالا كۆزىتىش ئىستانسىسى، يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، پەن-تەتقىقات مەركىزى، ئۇچۇر تور قۇرۇلۇشىنى زورايتىدىكەن. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، تەتقىقاتچى شىڭ گۇاڭچېڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە ئاسىيا ياۋروپانىڭ جۇغراپىيەلىك ئەندىزىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، سىياسىي جۇغراپىيەلىك ۋە ئىقتىسادى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر