باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بۇ يىل ئافرىقىنىڭ بىخەتەرلىك خىرىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟(1)

2014.01.07 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلىغا نەزەر سالساق، ئافرىقىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ھەم كىشىنى خۇشال قىلىدۇ ھەم ئەندىشىگە سالىدۇ. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، مالى، كېنىيە، زىمبابۇۋى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چوڭ سايلىمى تىنچ بولدى، قالايمىقانچىلىق يۈز بەرمىدى؛ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، جەنۇبىي سۇدان ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق داۋالغۇپ كەتتى، كېنىيەنىڭ پايتەختى نايروبى ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىچە، 2014-يىلى ئافرىقىنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسى يەنىلا قوراللىق توقۇنۇش ۋە تېررورلۇق قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كېلىدىكەن. لېكىن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئافرىقا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدىكەن.

  تەھلىلچىلەر 2014-يىلى ئافرىقىدىكى قوراللىق توقۇنۇش يەنىلا تۆۋەندىكى جايلاردا داۋاملىشىدۇ دەپ قارىدى: بىرىنچى: جەنۇبىي سۇدان توقۇنۇشى. جەنۇبىي سۇدان پىرېزىدېنتى كىلنى قوللايدىغان قوراللىقلار بىلەن سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مەشئەلنى قوللايدىغان قوراللىقلار 2013-يىلى 15-دېكابىر بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى جۇبادا توقۇنۇشتى، ئۇرۇش ئوتى ئارقىدىن باشقا جايلارغا يامرىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى توقۇنۇشتا 190 مىڭچە جەنۇبىي سۇدانلىق يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى، گەرچە ئىككى تەرەپ ھازىر تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىختىلاپنى تۈگىتىش ۋە ئۇرۇش توختىتىش يەنىلا ئاسان ئەمەس دېدى.

  ئىككىنچى: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى. بۇ دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتى ئۇزۇن مۇددەت داۋالغۇپ كەلدى، سېرىكا قوراللىقلىرى بۇلتۇر 3-ئايدا بوزىز ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. 4-ئايدا ئوتتۇرا ئافرىقا مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى قۇرۇلۇپ، سېرىكانىڭ رەھبىرى دوتوجا ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت بولدى. يېقىندىن بۇيان، سېرىكا قوراللىقلىرى بىلەن بىر قىسىم يەرلىك قوراللىقلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كەسكىنلىشىپ، 900 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سەرگەردان بولۇپ كەتتى. گەرچە خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش كۈچلىرى ئارىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن توقۇنۇشنىڭ پەسىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر