باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايسىيا تاراتقۇلىرى ئابې شىنزۇنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2014.01.07 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيا تاراتقۇلىرى ئۇددا بىر قانچە كۈندىن بۇيان كەينى-كەينىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىپ، تارىخنى بۇرمۇلاشتەك قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

  مالايسىيادا چىقىدىغان «نۇر گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئابې شىنزۇ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلسا قوشنا ئەللەرنىڭ غەزەبلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا جاھىللىق بىلەن بۇنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى دوغا تىكىشتىن ئايانمىدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا ئابې شىنزۇ تارىخىي مەسىلىلەر ۋە زېمىن ماجىراسىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ، مۇداپىئە قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈپ، ھەربىي كۈچنى كۈچەيتىشنى تەرغىب قىلىپ، ياپونىيەنى قايتىدىن ئۇرۇشپەرەسلىك يولىغا ماڭغۇزدى. مالايسىيادا چىقىدىغان « شەرق گېزىتى»، «پىلانتلار ژۇرنىلى » ئابې شىنزۇنىڭ دەرسلىك كىتابقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى زوراۋانلىقىنى پەردازلىمەكچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر