باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق چاغانلىق ترانسىپوتتا ئالاھىدە مۇلازىمەتلەر ئېچىلدى

2014.01.13 10:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-يانۋار، 2014-يىللىق چاغانلىق ترانسىپورت باشلىنىدۇ، بۇ تۆمۈر يول باش شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى چاغانلىق ترانسىپورت. نۆۋەتتە، تۆمۈر يول باش شىركىتى ترانسىپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن شەندۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۆمۈر يول باش شىركىتى تەدبىرلەرنى چىڭىتىپ، بۇ يىللىق چاغانلىق ترانسىپورتتا يولۇچىلار «بىخەتەر، قولاي، خاتىرجەم سەپەر قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرغا قويدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق چاغانلىق ترانسىپورتتا تۆمۈر يول باش شىركىتى ترانسىپورت ئىدارىسى يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋىلىش، ۋوگزالغا كىرىش، كۈتۈش، بېلەت تەكشۈرۈش، پويىزغا چىقىش، پويىزدىن چۈشۈش، ۋوگزالدىن چىقىش قاتارلىق سەككىز ھالقىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ھەر بىر ھالقىدىكى مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەر قىلىشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل بىر يۈرۈش مۇلازىمەت يەنە ياشانغانلار، ئاجىزلار، كېسەللەر، مېيىپلار، ھامىلىدار ئاياللار قاتارلىق يولۇچىلارغا ئالاھىدە قارىتىلىدۇ.

  بېلەت سېتىۋېلىش جەھەتتە بۇ يىللىق چاغانلىق ترانسىپورتتا، ئېنتىر تورى، تېلېفون، ۋوگزال كۆزنەكلىرى ۋە ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى ئاساسىدا، يانفون ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى كۆپەيدى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىۋېلىش ئۈسكۈنىسىنىڭ مىقدارى ۋە ئاۋازلىق مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۆپەيتىلدى.

  ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئوقۇغۇچىلارغا، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە چاغانلىق بېلەت سېتىپ بېرىش جەھەتتە، ئىلگىرى يىللاردا قوللانغان قولايلىق تەدبىردىن باشقا، تۆمۈر يول ۋوگزاللاردىكى ئاپتوماتىك بېلەت سېتىۋېلىش ئۈسكۈنىسىدە ئوقۇغۇچىلار بېلەت سېتىۋېلىش مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۆپەيتىلدى، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىۋېلىش ئۈسكۈنىسى سەپلەندى.

  چېن شەندۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى تۆمۈر يول ترانسىپورت بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە چاغان مەزگىلىدىكى ترانسىپورت بىخەتەرلىكى ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆمۈر يول تارماقلىرى بىخەتەرلىك خېيىم-خەتىرىنى باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بىخەتەر باشقۇرۇشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر