باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاي پەرىسى 3-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ 14 كۈنلۈك ئاي كېچىسىنى غەلبىلىك ئۆكتۈزدى

2014.01.13 10:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت مۇداپىئە پەن تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى تۈنۈگۈن، ئاي پەرسى 3-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچىنىڭ ئايغا قونغۇچىسىنىڭ 12-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە ئاي شارىنىڭ كېچىلىك ئۇيقا ھالىتىدىن ئويغانغانلىقىنى، ئاي ناملىق ئاي ماشىنىسىنىڭ 11-يانۋار ئەتتىگەن سائەت 5دىن 9 مىنۇت ئۆكتەندە ئۆزلىكىدىن ئويغانغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئاي پەرىسى 3-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچنىڭ 14 كۈنلۈك ئاي كېچىسىنى غەلبىلىك ئۆكتۈزگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاي شارىنىڭ كېچىسىدە تەكشۈرگۈچكە ئېنېرگىيە بولىدىغان قوياش نۇرى بولمىغاچقا، ئۈنىڭ ئۈستىگە تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 180 گىرادۇس بولغاچقا، 2013-يىلى 26-دېكابىردىن باشلاپ ئاي پەرىسى 3-نومۇر تەكشۈرگۈچنىڭ ھەر قايسى سىستېمىسىنىڭ توكىنى ئۈزۈپ ئېنېرگىيەنى ساقلاپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىمىز تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن ئىزوتوپتىن پايدىلىنىپ تەكشۈرگۈچنى ئىسسىتقان. بۇ بىز يۇقىرىدا دېگەن كېچىلىك ئۇيقا ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىم ئاي پەرىسى 3-نومۇرنىڭ ئويغىنىشى ئېلىمىزنىڭ تەكشۈرگۈچنىڭ ئاي شارىنىڭ كېچىسىدە ياشاش ھالىتى تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر تەكشۈرگۈچتىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى ياخشى ساقلانغان، ھەر قايسى سىستېمىلارنىڭ ھالىتى نورمال ئىكەن، كېلەركى قەدەمدە تەكشۈرگۈچ ئىلمىي تەكشۈرۈشنى ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلىدىكەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر