باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ئاممىسى سابىق باش مىنىستىر شارونغا تەزىيە بىلدۈردى

2014.01.13 10:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە ئاممىسى تۈنۈگۈن ئېرۇسالىمدا سابىق باش مىنىستىر شارونغا تەزىيە بىلدۈردى.

  ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى يېپىلغان شاروننىڭ تاۋۇتى پارلامنېت بېناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا قويۇلدى. ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى پېرىس، پارلامېنت باشلىقى ئېدىرىستان گۈل چەمبىرەك قويدى، پارلامېنتنىڭ بارلىق يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ھەم شارون ئۈچۈن بايراق يېرىم چۈشۈرۈلدى.

  نەچچە مىڭ ئىسرائىلىيە ئاممىسى تەزىيە بىلدۈردى. دېڭىز ئەتراپىدىكى شەھەر تېلئاۋىفتىن كەلگەن 68 ياشلىق بوۋاي سىروم: شارون ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسدىن چۈشۈپ كەتكەن يورۇق يۇلتۇز، دېدى. ئىسرائىلىيەلىك ئاتا-بالا، ياش بىر ئەۋلادلار شاروندەك ۋەتەن ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆرۈش قىلغان ئۇلۇغ جەڭچىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك، دەپ ھېسابلىدى.

  شارون 11-يانۋار تېلئاۋىفتىكى بىر دوختۇرخانىدا 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر