باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارسىنىڭ يېڭى سۈيقەستى

2014.01.07 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى 2- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى «كۋانتوم كومپيۇتېر» تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ خىلدىكى كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، ھەتتا پۈتۈن يەر شارىدىكى كومپيۇتېرلارغا سۇقۇنۇپ كىرمەكچى ئىكەن.

  سىنوۋدىننىڭ ئۇچۇرىنى مەنبە قىلغان ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى مۇنداق دېگەن: بۇ تۈرنى ئېچىشنى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، كېتەرلىك راسخوت 79 مىليون 700 مىڭ دوللار بولۇپ، تەتقىقات تۈرى ئاساسلىقى مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتى پارك مەكتىپىدىكى بىر تەجرىبىخانىغا بېرىلگەن ئىكەن. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەقسىتى كۋانتوم كومپيۇتېرنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تەتقىق قىلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئىنتايىن بولغان ھېسابلاش سۈرئىتىدىن پايدىلىنىپ ئىنتېرنېتتىكى ھەرخىل مەخپىي نومۇرلارنى تېز سۈرئەتتە يېشىپ، پۇل- مۇئامىلە، تېبابەت ، سودا ۋە ھۆكۈمەتكە دائىر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئىكەن. ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە بۇ تۈر مەلۇم ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما دەسلەپكى باسقۇچتا بولۇپ، تېخى ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلالمىغان، تەتقىقات سۈرئىتى ياۋروپادىكى ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقات سۈرئىتى بىلەن تەڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئەنئەنىۋى كومپيۇتېر 0 ۋە 1 رەقەملىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ساقلايدىغان بولۇپ، كۋانتوم كومپيۇتېر بولسا زەرەرچە بىلەن كۋانت ئارقىلىق ئۇچۇر ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. بۇ خىل كۋانتلارنىڭ زەرەرچىلەر بىلەن قاتلانغان(بىرىككەن، يۇغۇرۇلغان) ھالىتى «كۋانتۇم بايت» دېيىلىدىكەن. بۇنىڭدا ئەنئەنىۋى كومپيۇتېردىكى بايتتىن كۆپ ئۇچۇر ساقلىغىلى بولغاچقا، كۋانتوم كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارى ئەنئەنىۋى كومپيۇتېردىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولىدىكەن. مەسىلەن: ئەگەر ئەنئەنىۋى كومپيۇتېرنى بىر «چالغۇ، ساز» دەپ پەرەز قىلساق، كۋانتوم كومپيۇتېر بىر ئوركېستىر ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلالايدىكەن.

  كۋانتوم كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى ئادەتتىكى كومپيۇتېردىن 10 تىرىليون ھەسسە تېز بولۇپ، ئادەتتىكى كومپيۇتېر 1 مىليارد يىلدا بىر تەرەپ قىلىدىغان ھېسابلاشنى 30 سېكۇنتىلا ھېسابلاپ بولىدىكەن.

  لېكىن بەزى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بۇ خىل كومپيۇتېرنى تەتقىق قىلغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن. ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ئارونسون «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سىرتتىكىلەر بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، سىرتتىكى دۇنيادىكىدىنمۇ زور دەرىجىدە ئىلغار بولغان نەرسىنى تەتقىق قىلالىشى تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ» دېگەن.

  2011-يىلى قورال-ياراق ماگناتى لوكھىد مارتىن شىركىتى دۇنيادىكى بىرىنچى دانە سودىدا ئىشلىتىدىغان كۋانتوم كومپيۇتېرنى سېتىۋالغان، 2012-يىلى گۇگىل شىركىتى بىلەن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بىرلىشىپ يەنە بىر دانىسىنى سېتىۋالغان، لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەخپىيەتلىك ئوغرىلىيالايدىغان كۋانتوم كومپيۇتېرنى تەتقىق قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ يەنە 10 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر