باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ساچىر خانىم ئەڭ ياخشى باش ۋەزىر بولۇپ باھالاندى(1)

2014.01.07 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تور بېكىتىنىڭ 5-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى بارلىق پارلامېنت ئەزالىرى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، مارگارېت ساچىر (Margaret Thatcher) خانىمنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى باش ۋەزىر دەپ باھالىغان. كۆپ قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارىشىچە، «تۆمۈر ئايال» ساچىر خانىمنىڭ قارار قىلىش ئىقتىدارىغا راستتىنلا قول قويۇشقا ئەرزىيدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىن ئۇنى قوللايدىغانلار ئۇنى ئەقىللىق، پرىنسىپال ۋە ئەستايىدىل دەپ قارايدىغانلاردىن كۆپ ئىكەن.

  لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ھوللوۋەي ئىنستىتۇتى (Holloway College) سىياسىيشۇناسلىق فاكۇلتېتى 158 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىغا قارىتا بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تونى بىلايىر (Tony Blair) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى باش ۋەزىر تىزىملىكىدە ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر