باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

نامراتلىق قالپىقىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن چۆرۈپ تاشلىغۇسى كەلمەسلىكتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟(1)

2014.01.06 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئىقتىسادى تەپتىش مىنىستىرلىقى 19 نامرات ناھىيەنىڭ 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان مالىيە يىلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنى تەقسىملەپ باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىقتىسادى تەپتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. 19 ناھىيەدا ساختىلىق قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان، بەزىلىرى ھەتتا نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنى مېھمان كۈتۈش، سوۋغا بېرىش، ئوبراز قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئىشلەتكەن.

  نامراتلارنى يۆلەش پۇلىدا قانداق قىلىپ مەسىلە مۇشۇنداق كۆپ بولىدۇ؟

  نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنىڭ ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەشكە ئىشلىتىلىشىگە قانداق قىلغاندا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى نامراتلارنى يۆلەش پۇلى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنى قالايمىقان تەگسە بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىك ئېلېكتىر سىمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، پىلان مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جياڭ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش پۇلىغا ھېساباتنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ئارقىلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى، نامراتلارنى يۆلەش پۇلى تۈرىگە ئېلان قىلىش، ئاشكارىلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، كۆپ ساندىكى ئۆلكىلەر ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، كەنت قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئېلان قىلدى، ئاشكارىلىدى، نامراتلارنى يۆلەش پۇلى ئۈنۈم نەتىجىنى باھالاش مېخانىزمى ئورناتتى. مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنىڭ %80تىن كۆپرەكى تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلار ۋە نۇقتىلىق ناھىيەلەرگە قارىتىلغان، تەخمىنەن %60 پۇل ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، %50تىن ئارتۇق پۇل بىۋاسىتە نامرات ئائىلىلەرنى يۆلەشكە سەرپ قىلىنغان.

  جياڭ شاۋخۇا مۇنداق دەپ قارىدى: ئومۇمىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، مالىيەنىڭ مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش پۇلى نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، نامرات ئوبيېكتلارنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، لېكىن نۇرغۇن قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ ساقلاندى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنى كەنت، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش نۇقتىلىرى كۆپ ۋە كەڭ بولۇش، جايلاشقان ئورۇن يىراق بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەس بولۇش ۋە تەننەرخ يۇقىرى بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بار؛ بەزى جايلارنىڭ تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشى قاتتىق بولماسلىق، باشقۇرۇش ئەمەلىيلەشمەسلىك، يۆلەش پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا سەل قاراش قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ بار؛ يەنە بەزى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنچىلىق نۇقتىئەنەزىرى ئاجىز بولۇش، ئېقىمغا قارىشى دېلو سادىر قىلىش سەۋەبلىرىمۇ مەۋجۇت.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر